13 ئاندىن، ئۇلاردىن ئايرىلىپ، يەنە كېمىگە ئولتۇرۇپ، كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ كەتتى.
لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقتى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس پېشىنى قېقىپ، ئۇلارغا: - ئەگەر سىلەر قۇتقۇزۇلمىساڭلار، مەن جاۋابكار ئەمەس، ئۆزۈڭلار جاۋابكار. بۈگۈندىن باشلاپ، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئەمەس، يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمەن، - دېدى.
شۇڭلاشقا، نۇر ئاراڭلاردا بار ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن، نۇرنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، خالايىقتىن ئايرىلىپ يوشۇرۇنۇۋالدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە: - مەن بۇ يەردىن كېتىمەن، سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، بىراق تاپالمايسىلەر. شۇنداقلا، گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنمايلا ئۆلىسىلەر. مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر، - دېدى.
شۇ يەردىكى كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن كېتىشىنى تەلەپ قىلىشتى. چۈنكى، ئۇلار ئىنتايىن قورقۇشقانىدى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چۈشۈپ، قايتىپ كەتمەكچى بولدى.
ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭلار؛ ئۇلار قارىغۇلارغا يول باشلايدىغان قارىغۇلاردۇر. ئەگەر قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلىسە، ھەر ئىككىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.
- ئىتقا مۇقەددەس نەرسىنى بەرمەڭلار ياكى توڭگۇزنىڭ ئالدىغا ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى تاشلاپ قويماڭلار. چۈنكى، ئىت كەينىگە بۇرۇلۇپ سىلەرنى تالايدۇ؛ توڭگۇز ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئاياغ ئاستىدا دەسسەپ يانجىيدۇ.
گەرچە ئۇلار بالا چوڭ قىلسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىمەن، بىرسىنىمۇ تىرىك قالدۇرمايمەن. مەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
ئىسرائىلىيەلىكلەر بۇتقا مەستانە بولۇپ كەتتى، ئۇلار ئۆز يولىدا مېڭىۋەرسۇن.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر بۇ پەيغەمبەرلەر، روھانىيلار ياكى باشقا كىشىلەردىن بىرەرسى سەندىن: «پەرۋەردىگار بىزگە نېمە يۈكلەرنى يۈكلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى؟» دەپ سورىسا، سەن ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار بىر يۈك! شۇڭلاشقا پەرۋەردىگار سىلەردىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دەپ جاۋاب بەرگىن.
شۇڭا مەن قويۇۋەتتىم ئۇلارنى ئۆز تەرسالىقىغا، مېڭىۋەردى دەسسەپ ئۇلار ئۆزى خالىغان يوللارغا.
ھەزرىتى ئەيسا چوڭقۇر بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ: - بۇ زاماننىڭ ئادەملىرى نېمە ئۈچۈن كارامەت كۆرسەت، دەپلا تۇرىدىغاندۇ؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلارغا كۆرسىتىلىدىغان كارامەت يوق، - دېدى.
شاگىرتلار نان ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇغان بولۇپ، كېمىدە بىر ناندىن باشقا يېمەكلىك يوق ئىدى.
بىز ئەدرەمىت شەھىرىدىن ئاسىيا ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى شەھەرلەرگە بارىدىغان كېمىگە ئولتۇرۇپ، سەپەرگە ئاتلاندۇق. ماكېدونىيە ئۆلكىسىنىڭ سالونىكا شەھىرىدىن بولغان ئارىستارخۇس ئىسىملىك بىر كىشى بىز بىلەن ھەمسەپەر بولدى.