Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ھەزرىتى ئەيسا چوڭقۇر بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ: - بۇ زاماننىڭ ئادەملىرى نېمە ئۈچۈن كارامەت كۆرسەت، دەپلا تۇرىدىغاندۇ؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلارغا كۆرسىتىلىدىغان كارامەت يوق، - دېدى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:12
15 Referans Kwoze  

ئاندىن، ئاسمانغا قاراپ چوڭقۇر تىنىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەمگە: «ئەففاتا» (مەنىسى «ئېچىل») دېدى.


ئوسال ۋە ۋاپاسىز كىشىلەر كارامەت كۆرسەت، دەپلا تۇرىدۇ. بىراق، سىلەرگە يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ كارامىتىدىن باشقا كۆرسىتىلىدىغان ئىككىنچى كارامەت يوق. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى تاشلاپ كەتتى.


ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلگەندە، شەھەرنى كۆرۈپ، ھەسرەتتە كۆز يېشى قىلىپ:


- ئەي ئېتىقادسىز ئەۋلاد! سىلەر ماڭا ئىشەنگۈچە، مەن سىلەر بىلەن يەنە قانچىلىك بىللە بولۇشۇم كېرەك؟ يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەي؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار.


ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ئېتىقادسىزلىقىدىن ھەيران قالدى. كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرنى ئايلىنىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى.


ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە غەزەپ بىلەن كۆز يۈگۈرتتى. ئۇلارنىڭ تەرسالىقى ئۇنى ئېچىندۇرغانىدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى كېسەلگە: - قولۇڭنى ئۇزات! - دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى.


ئۇ كەمسىتىلدى، كىشىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىندى، ئۇ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە جەبىر-جاپانى يەتكۈچە تارتتى. كىشىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، نەپرەتلەندى، ئۇنى بىزمۇ ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەنىدۇق.


شۇ چاغدا، بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئۇستاز، قۇدرىتىڭىزنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى كارامەت بىلەن كۆرسەتكەيسىز، - دېدى.


ئاندىن، ئۇلاردىن ئايرىلىپ، يەنە كېمىگە ئولتۇرۇپ، كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ كەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite