9 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: - ئۆز ئەنئەنەڭلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇشتا نېمانچە ئۇستىلىق قىلىسىلەر!
مەن خۇدانىڭ ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىنى ئەھمىيەتسىز، دەپ قارايدىغانلاردىن ئەمەسمەن. ئەگەر بىر ئادەم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالايدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىشى ئەھمىيەتسىز بولۇپ قالاتتى.
كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە بويسۇنمىغانلىقتىن، ئۇلار ئۇنىڭ پەرمانلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكتىن، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مەڭگۈلۈك ئەھدىنى بۇزغانلىقتىن، يەر يۈزى بۇلغىنىپ كېتىدۇ.
ئىگەم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئادەملەر ماڭا ئېغىزىدىلا ئېتىقاد قىلىدۇ، تىلىنىڭ ئۇچىدىلا مېنى ئۇلۇغلايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈرىكى مەندىن يىراق. ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان ئىبادىتى پەقەت ئۇلارنىڭ ئادەت-قائىدىلىرىدىن بولغان.
شۇنداق قىلىپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئەنئەنىلىرىڭلارنى دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىسىلەر. سىلەر بۇنداق ئىشلارنى كۆپ قىلىسىلەر.
(پەرىسىيلەر، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيلار ئەجدادلىرىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە قوللىرىنى پاكىز يۇماي تۇرۇپ تاماق يېمەيدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، ۋاقتىڭ كەلدى ھەرىكەت قىلىشقا، چۈنكى خەلق بويسۇنمىدى قانۇنلىرىڭغا.
خۇداغا قارشى چىققۇچى خۇدا دەپ ئاتالغان ياكى كىشىلەر چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارشى چىقىپ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىپ كۆرسىتىدۇ، ھەتتا خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى خۇدا، دەپ جاكارلايدۇ.
ئۇنداقتا، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنى بىكار قىلامدۇق؟ ياق، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمىز.
پادىشاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ. ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى «ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغمەن» دەپ ماختايدۇ. ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغان پەرۋەردىگارغا قارشى سۆزلەپ، كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى كەلگۈچە داۋاملىق شۇنداق قىلىدۇ. خۇدا ئۆزىنىڭ قارارلىرىنى ئۆزگەرتمەي، چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
ئۇ ئۇلۇغ خۇداغا قارشى گەپ قىلىدۇ ۋە تەقۋادارلارنى ئېزىدۇ. خۇدا بېكىتكەن مۇقەددەس بايراملار ۋە قانۇنلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. تەقۋادارلار ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل تۇرىدۇ.
پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسادىن: - شاگىرتلىرىڭ نېمىشقا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلمايدۇ؟ نېمىشقا ناپاك قوللىرى بىلەن تاماق يەيدۇ؟ - دەپ سوراشتى.
چۈنكى، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىپ، ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا مەن يەتكۈزگەنگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر تەلىمنى يەتكۈزگەنلەرگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق يول قويدۇڭلار. سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھتىن باشقا بىر روھ ۋە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردىن باشقا بىر خوش خەۋەر توغرىسىدا ئېيتىلغانلارنىمۇ سىغدۇردۇڭلار.
ھەمدە يەھۇدىي دىنى يولىدا نۇرغۇن تەڭتۇشلىرىمدىن خېلىلا ئالدىدا تۇراتتىم. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىنى قوغداشتا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ۋە قىزغىنلىقىم بىلەن ئىشلەيتتىم.