Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ماڭا قىلغان ئىبادىتى بىھۇدىدۇر. چۈنكى، ئۆگەتكەنلىرى خۇدانىڭ ئەمرلىرى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى چىقىرىۋالغان پەتىۋالاردۇر.»

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:7
15 Referans Kwoze  

ئىگەم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئادەملەر ماڭا ئېغىزىدىلا ئېتىقاد قىلىدۇ، تىلىنىڭ ئۇچىدىلا مېنى ئۇلۇغلايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈرىكى مەندىن يىراق. ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان ئىبادىتى پەقەت ئۇلارنىڭ ئادەت-قائىدىلىرىدىن بولغان.


ماڭا قىلغان ئىبادىتى بىھۇدىدۇر. چۈنكى، ئۆگەتكەنلىرى خۇدانىڭ ئەمرلىرى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى چىقىرىۋالغان پەتىۋالاردۇر.»


ئۆزىنى خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم دەپ قارىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن كىشى ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ. بۇنداق ئىخلاسمەنلىكنىڭ قىلچە قىممىتى يوقتۇر.


بۇ قائىدە-يوسۇنلارنىڭ ھەممىسى تۈگەيدىغان نەرسىلەر توغرىسىدا بولۇپ، پەقەتلا ئىنسانلارنىڭ بۇيرۇق ۋە تەلىملىرىدىن پەيدا بولغان.


دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، بۇتپەرەسلەردەك قۇرۇق گەپلەرنى تەكرارلاۋەرمەڭلار. ئۇلار گەپنى تەكرارلاۋەرسەك خۇدا تەلىپىمىزنى ئىجابەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىسا كېرەك.


ئەخمىقانە تالاش-تارتىشلار، نەسەبنامىلەر توغرىسىدىكى قۇرۇق گەپ-سۆزلەر ۋە تەۋرات قانۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جېدەل-ماجىرالاردىن ساقلان. چۈنكى، بۇ ئىشلار پايدىسىز ۋە ئەھمىيەتسىزدۇر.


مەنكى يۇھاننا بۇ كىتابتىكى بېشارەتلىك سۆزلەرنى ئاڭلىغانلارنى جىددىي ئاگاھلاندۇرىمەنكى: كىمدەكىم بۇ سۆزلەرگە بىر نەرسە قوشسا، خۇدا ئۇنىڭغا بۇ كىتابتا يېزىلغان بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈرىدۇ.


پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈمەڭلار، بۇتلارغا چوقۇنماڭلار. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچبىر پايدىسى يوقتۇر، ئۇلار سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ، ئۇلار كېرەكسىز نەرسىلەردۇر.


مەن يەتكۈزگەن بۇ بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. ئۇلارغا بىر نەرسە قوشماڭلار ياكى چىقىرىۋەتمەڭلار.


ئەي نادان! ئەمەلىيىتى يوق ئېتىقادنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى قاچانمۇ بىلەرسەن؟


سىلەر يەنە: ‹خۇداغا خىزمەت قىلىش بىھۇدىدۇر. ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىشتىن ھېچ پايدا يوقتۇر. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھەسرەت چېكىپ، گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلىپ نېمىگە ئېرىشتۇق؟


ئەيسا مەسىھ تىرىلمىگەن بولسا، بىزنىڭ يەتكۈزگەن تەلىملىرىمىز ۋە سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار بىھۇدە بولۇپ كېتەتتى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ تۇرۇڭلار. رەببىمىزگە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite