Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 شۇنىڭدەك، بازاردىن ئالغان نەرسىلەرنىمۇ يۇماي يېمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قەدەھ، چۆگۈن ۋە مىس قاچىلارنى يۇيۇش توغرىسىدىمۇ بىرمۇنچە ئەنئەنىلەرگە رىئايە قىلىدۇ.)

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:4
15 Referans Kwoze  

ئۇلار پەقەت ھالال ۋە ھارام يېمەك-ئىچمەك ۋە بويىنى سۇغا سېلىش رەسمىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خۇدا يېڭى تەرتىپنى ئورناتقۇچە كۈچكە ئىگە بولغان سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتىكى قائىدە-نىزاملاردۇر.


ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر تېشىلا پاكىز يۇيۇلغان چىنە-قاچىلارغا ئوخشايسىلەر. قوللىرىڭلارنى ياخشى يۇيىسىلەر، بىراق ئىچىڭلار ئاچكۆزلۈك ۋە شەخسىيەتچىلىك بىلەن تولغان.


خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، گۇناھتىن قول ئۈزۈڭلار. ئەي ھەم خۇدانى، ھەم دۇنيانى دوست تۇتىمىز دېگۈچىلەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار.


ئۇ ئۆيدە يەھۇدىيلارنىڭ تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ھەربىرىگە سەككىز-توققۇز چېلەكتىن سۇ سىغىدىغان ئالتە تاش كۈپ قويۇلغانىدى.


ئەي يېرۇسالېم خەلقى، قەلبىڭلاردىكى رەزىللىكلەرنى يۇيۇۋېتىڭلار، شۇندىلا ئامان قالىسىلەر. يامان نىيەتلىرىڭلارنى يەنە قاچانغىچە قەلبىڭلاردا ساقلايسىلەر؟


ئۆزۈڭلارنى يۇيۇپ تازىلاڭلار، رەزىل قىلمىشلىرىڭلارنى كۆز ئالدىمدىن يوقىتىڭلار. يامانلىق قىلىشنى توختىتىڭلار.


شۇڭا، خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ.


پىلاتۇس يەنە سۆزلەشنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى، بولمىسا قالايمىقانچىلىق چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىنى يۇغاچ: - بۇ ئادەمنىڭ قېنىغا مەن جاۋابكار ئەمەس، بۇ ئىشقا ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولۇڭلار! - دېدى.


ئى پەرۋەردىگار، پاك قەلبتە يۇيارمەن قوللىرىمنى، ئايلىنارمەن ئاندىن سېنىڭ قۇربانلىق سۇپاڭنى.


يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى بىر يەھۇدىي بىلەن تازىلىنىش دىنىي قائىدىسى توغرىسىدا تالىشىپ قالدى.


ئاندىن مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئىدىشلارنى ۋە لىق شاراب قاچىلانغان كومزەكلەرنى ئېلىپ كېلىپ: _ مەرھەمەت، شاراب ئىچىڭلار، _ دېدىم.


ئەي قارىغۇ پەرىسىيلەر! ئاۋۋال چىنە-قاچىنىڭ ئىچىنى پاكلاڭلار، شۇنداقتا تېشىمۇ پاك بولىدۇ.


سىلەر خۇدانىڭ ئەمرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئېسىلىۋالىدىكەنسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite