36 ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىكىلەرگە بۇنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى بۇيرۇدى. لېكىن، ھەرقانچە بۇيرۇغان بولسىمۇ، كىشىلەر بۇ خەۋەرنى شۇنچە كەڭ يېيىۋەتتى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنما، لېكىن ئۇدۇل مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپ روھانىيغا ئۆزۈڭنىڭ ساقايغانلىقىڭنى كۆرسەت. ئاندىن، بۇنى باشقىلارغا ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى بويىچە ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغانلار قىلىشقا تېگىشلىك قۇربانلىقنى قىل، - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشنى ھېچكىمنىڭ ئۇقماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇش ئالدىدا ئۇنىڭغا: - ئۆيگە قايتىش يولۇڭدا يېزىغا كىرمە، - دەپ تاپىلىدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى قاتتىق تاپىلىدى ۋە ئۇلارغا قىزنىڭ قورسىقىغا بىرنەرسە بېرىشنى بۇيرۇدى.
لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماسلىقنى قاتتىق جېكىلەيتتى.
ئۇ ئادەمنىڭ قۇلاقلىرى شۇئان ئېچىلىپ، تىلى زۇۋانغا كېلىپ راۋۇرۇس گەپ قىلىشقا باشلىدى.
خالايىق ئىنتايىن ھەيرانلىق ئىچىدە قالغانىدى. ئۇلار: - ئۇ قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ياخشى! ھەتتا گاسلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېچىپ، گاچىلارنى زۇۋانغا كەلتۈردى، - دېيىشتى.
تاغدىن چۈشۈۋېتىپ، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە، كۆرگەنلىرىنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى بۇيرۇدى.