17 ھەزرىتى ئەيسا خالايىقتىن ئايرىلىپ ئۆيگە كىرگەندە، شاگىرتلىرى ئۇنىڭدىن بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسىنى سورىدى.
پېترۇس: - بايا ئېيتقان ناپاكلىق توغرىسىدىكى تەمسىلنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەيسىز، - دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىكتىن ئايرىلىپ ئۆيگە كىردى. شاگىرتلىرى يېنىغا كېلىپ: - ئېتىزدىكى ياۋا ئوتلار توغرىسىدىكى تەمسىلنى چۈشە دۈرۈپ قويسىڭىز، - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە كىرىپ، شاگىرتلىرى بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۇلار ئۇنىڭدىن: - بىز نېمە ئۈچۈن جىننى ھەيدىيەلمىدۇق؟ - دەپ سوراشتى.
تەمسىل كەلتۈرمەي تۇرۇپ ھېچقانداق تەلىم بەرمەيتتى. ئۆز شاگىرتلىرى بىلەن يالغۇز قالغىنىدا، ئۇلارغا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.
خالايىق كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى شاگىرتى بىلەن ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭدىن تەمسىللەرنىڭ مەنىسىنى سوراشتى.
شاگىرتلىرى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن: - سىز نېمە ئۈچۈن كۆپچىلىككە تەلىم بەرگەندە تەمسىل كەلتۈرىسىز؟ - دەپ سورىدى.
بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا كەپەرناھۇمدىكى بۇرۇن تۇرغان ئۆيگە يەنە كەلدى. ئۇنىڭ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقىلىش بىلەنلا،
ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەرگە يەنە شۇنچە نۇرغۇن خالايىق توپلاندىكى، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرىنىڭ غىزالىنىشقىمۇ چولىسى تەگمىدى.
بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!{ - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟ سىرتتىن ئىنساننىڭ ئىچىگە كىرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇنى ناپاك قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەنمەمسىلەر؟