14 ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنى يەنە يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: - ھەممىڭلار سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار ۋە شۇنى چۈشىنىڭلاركى،
ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: - قۇلاق سېلىڭلار ھەم شۇنى چۈشىنىڭلاركى،
فىلىپ يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئەمەلدارنىڭ يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدىن ئوقۇۋاتقانلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن: - ئوقۇغانلىرىڭىزنى چۈشەندىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئىگەم ماڭا مۇنداق دېدى: _ سەن بېرىپ ئۇ خەلققە: «ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر، كۆرىسىلەر، بىراق ھېس قىلالمايسىلەر.» دەپ ئېيتقىن.
ئەي گول ئادەملەر، ئۆگىنىڭلار زېرەكلىكنى، ئەي نادانلار، ئۆگىنىڭلار ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىشنى.
ئەي ئەلنىڭ ھاماقەتلىرى، ئويلاپ بېقىڭلار! ئەي ئەخمەقلەر، قاچان بولار ئەقلىڭلار؟
مىكايا: _ ئەگەر ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلسىلە، پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كەلمىگەن بولىدۇ. ھەربىرلىرى سۆزۈمنى ئەسلىرىدە تۇتۇشقايلا، _ دېدى.
ئىلياس خەلقنىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ سىلەر قاچانغىچە ئىككىلىنىپ يۈرىسىلەر؟ ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگار «ياھۋەھ»نى ھەقىقىي خۇدا دەپ بىلسەڭلار، «ياھۋەھ»كە ئەگىشىڭلار، ئەگەر بائالنى ھەقىقىي خۇدا دەپ بىلسەڭلار، بائالغا ئەگىشىڭلار، _ دېدى. لېكىن خەلق ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى.
مىڭلىغان كىشىلەر قىستا-قىستاڭچىلىقتىن بىر-بىرىنى دەسسىۋەتكۈدەك بولۇشۇپ كەتكەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قاراپ: - سىلەر پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختىپەزلىكىدىن ھوشيار بولۇڭلار.
شۇنداق قىلىپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئەنئەنىلىرىڭلارنى دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىسىلەر. سىلەر بۇنداق ئىشلارنى كۆپ قىلىسىلەر.
ئىنساننىڭ سىرتىدىن ئىچىگە كىرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھېچقاندىقى ئۇنى ناپاك قىلمايدۇ، ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىدىغىنىدۇر. }
يەرەمىيا يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلققە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە مۇنداق دېدى: