1 بىر كۈنى، يېرۇسالېمدىن كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ چۆرىسىگە يىغىلدى.
يېرۇسالېمدىن كەلگەن تەۋرات ئۇستازلىرى بولسا: «ئۇنىڭغا شەيتان چاپلىشىۋاپتۇ»، «ئۇ جىنلارنى ئۇلارنىڭ باشلىقى بولغان شەيتانغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن» دېيىشەتتى.
بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بېرىۋاتقاندا، ئۇنىڭ يېنىدا پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئولتۇراتتى. ئۇلار جەلىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. رەببىمىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەزرىتى ئەيساغا يار بولغاچقا، كېسەللەرنى ساقايتىۋاتاتتى.
ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ تاماقتىن بۇرۇن قول يۇيۇش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلمايلا تاماق يەۋاتقانلىقىنى كۆردى.