9 پۇتىغا ئاياغ كىيىشكە ئىجازەت بەردى، بىراق بىرەر ئارتۇق كۆڭلەك ئېلىۋالماسلىقنى بۇيرۇدى.
پەرىشتە ئۇنىڭغا: - كىيىمىڭنى كىيىۋال! ئايىغىڭنىمۇ كىي! - دېدى. پېترۇس ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلدى. پەرىشتە يەنە: - چاپىنىڭنى يېپىنچاقلاپ كەينىمدىن ماڭ! - دېدى.
خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇش توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر چورۇقىنى كىيىپ، تەييار تۇرۇڭلار.
مەن سىلەرنى قىلغان توۋاڭلار ئۈچۈن سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن، مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن. ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ.
سەپەرگە چىققاندا نە خۇرجۇن، نە بىرەر ئارتۇق كۆڭلەك، نە ئاياغ، نە ھاسا ئېلىۋالماڭلار. چۈنكى، خىزمەتكار كىمگە خىزمەت قىلسا، شۇنىڭدىن ئىش ھەققى ئېلىشقا ھەقلىق.
ھەم ئۇلارغا سەپەردە يېنىغا ھاسىدىن باشقا نەرسە ئېلىۋالماسلىق، نە نان، نە خۇرجۇن كۆتۈرمەسلىك، پۇلمۇ سېلىۋالماسلىقنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە: - بىر يۇرتقا بارغىنىڭلاردا، قايسى ئائىلىدە قارشى ئېلىنساڭلار، ئۇ يەردىن كەتكۈچە شۇ ئائىلىدىلا تۇرۇڭلار.