Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ئېتىقادسىزلىقىدىن ھەيران قالدى. كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرنى ئايلىنىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6:6
12 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا پۈتۈن شەھەر، يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ، ھەرقايسى ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بېرىپ، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقاتتى ۋە خەلق ئىچىدىكى ھەر خىل كېسەللىك ۋە ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتتى.


بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولغان ھەزرىتى ئەيسا بىللە كەلگەنلەرگە: - بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇنداق ئىشەنچنى ئىسرائىللار ئىچىدە ئۇچراتمىغانىدىم.


ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا كېتىۋېتىپ، نۇرغۇن شەھەر-يېزىلاردىن ئۆتكەچ، تەلىم بېرىپ ماڭدى.


خۇدا ئۇنى تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى ئاتا قىلدى. ئۇ ھەممە يەرنى كېزىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، شەيتاننىڭ ئىلكىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا يار ئىدى.


پەرۋەردىگار ئادالەت ئۈچۈن ئۆتۈنىدىغان ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ھەيران قالىدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆزى كېلىپ، ئۆز قولى بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.


ھېلىقى ئادەم ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - ئاجايىپ ئىشقۇ بۇ! ئۇ كۆزلىرىمنى ئاچتى. شۇنداقتىمۇ، سىلەر ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمىدىڭلار.


ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر تارقاتتى، ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتتى.


بىرەر خەلق ئۆز ئىلاھلىرىدىن ۋاز كېچىپتىمۇ؟ ئىلاھلىرى ھەقىقىي بولمىسىمۇ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپتىمۇ؟ ئەمما مېنىڭ خەلقىم شان-شەرەپلىك بولغان مەن خۇدانى ئەرزىمەس بۇتلارغا ئالماشتۇردى!


شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا يەھۇدىيلارنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بەردى.


ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كەپەرناھۇم شەھىرىگە قايتىپ باردى. ئۇ يەردە يەھۇدىيلار دەم ئالىدىغان شەنبە كۈنى ئىبادەتخانىغا بېرىپ، خەلققە تەلىم بېرىپ تۇردى.


شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھەممە يېرىگە بېرىپ، ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بەردى ھەمدە كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى جىنلارنى ھەيدىدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى رايونلارغا باردى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا يەنە توپ-توپ ئادەم يىغىلغانىدى. ئۇ كۆپچىلىككە ھەر قېتىمقىدەك تەلىم بېرىشكە باشلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite