5 شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە بىرقانچە بىمارنى ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ساقايتقاندىن باشقا، ھېچقانداق مۆجىزە كۆرسىتىشنى توغرا تاپمىدى.
ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى تۈپەيلىدىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە كۆپ مۆجىزە كۆرسەتمىدى.
- سىز نېمىشقا قولىڭىزدىن كەلسە دەيسىز؟ ئىشەنچ بار بولغان ئادەمگە ھەممە ئىش مۇمكىن! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.
خۇدانىڭ ئاراملىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر خۇددى چۆلدىكى ئىسرائىللارغا ئاڭلىتىلغاندەك بىزلەرگىمۇ ئاڭلىتىلدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئاڭلىغانلىرى ئېتىقادى بىلەن يۇغۇرۇلمىغانلىقتىن، ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغانىدى.
تېز قاچقىن، سەن ئۇ يەرگە يېتىپ بارغۇچە، سودومنى ۋەيران قىلمايمەن! بۇ شەھەر شۇنىڭدىن كېيىن زوئار [مەنىسى «كىچىك»] دەپ ئاتالدى.
ئۇ كىشى ياقۇپتىن ئۈستۈن كېلەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئۇنىڭ ساغرىسىغا ئۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ سۆڭگىچى ئورنىدىن چىقىپ كەتتى.
ئۇ چاغدا، پۇبلىيۇسنىڭ ئاتىسى تولغاق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانىكەن. پاۋلۇس ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، دۇئا قىلىپ ئۇچىسىغا قولىنى تەگكۈزۈپ، ساقايتىپ قويدى.