Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6:34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

34 ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشۈپ، نۇرغۇن خالايىقنى كۆردى. قويچىسىز قوي پادىسىغا ئوخشايدىغان بۇ ئىنسانلارغا ئىچ ئاغرىتتى ۋە ئۇلارغا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىشكە باشلىدى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6:34
19 Referans Kwoze  

ئۇ توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى، چۈنكى ئۇلار قويچىسىز قوي پادىلىرىدەك پاناھسىز بىچارىلەر ئىدى.


ئۇ، خەلقىڭنى يېتەكلىسۇن. ھازىر بۇ خەلق خۇددى پادىچىسى يوق قويلارغا ئوخشاپ قالدى.


بىراق، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خالايىقمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر ئىشلارنى چۈشەندۈردى ۋە كېسىلى بارلارنى ساقايتتى.


بۇتلاردىن مەسلىھەت سوراش بىھۇدىدۇر. پالچىلارنىڭ سالغان پاللىرى يالغاندۇر. ئۇلارنىڭ چۈشلەرگە تەبىر بېرىشلىرى تۇتۇرۇقسىزدۇر. ئۇلار قۇرۇق تەسەللى بېرىشىدۇ. شۇڭا خەلق ئازغان قويلاردەك يۈرۈشىدۇ، پادىچىسىز قېلىپ ئازاب ئىچىدە قىينىلىدۇ.


خەلقىم يۈتۈپ كەتكەن قويلارغا ئوخشاپ قالدى، ئۇلارنى سەركىلىرى يولۇمدىن ئازدۇردى. ئۇلار تاغلاردا ئايلىنىپ يۈرىدۇ، تاغدىن تاغقا بېرىپ، چۆرگۈلەپ يۈرىدۇ، ئۇلار ئۆز ماكانىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغان.


مىكايا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: _ مەن ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ خۇددى قويچىسىز قالغان قويلاردەك تاغقا تارقىلىپ كەتكەن كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كىشىلەرنىڭ يېتەكچىسى يوق ئىكەن، ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىغا ئامان-ئېسەن قايتسۇن».


مىكايا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: _ مەن ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ خۇددى قويچىسىز قالغان قويلاردەك تاغقا تارقىلىپ كەتكەن كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كىشىلەرنىڭ يېتەكچىسى يوق ئىكەن، ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىغا ئامان-ئېسەن قايتسۇن».


چۈنكى، بىزنىڭ بۇ باش روھانىيىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلماي قالمايدۇ. ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغاندۇر.


ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشكىنىدە، نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆردى ۋە ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنىڭ كېسەللىرىنى ساقايتتى.


شۇڭا، ئۇ ھەر جەھەتتىن قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ خۇدانىڭ خىزمىتىدە رەھىمدىل ۋە سادىق باش روھانىي بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى خۇدانىڭ كەچۈرۈشىگە ئېرىشتۈرىدىغان قۇربانلىقنى بېرەلەيتتى.


ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ: - بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇلار ئۈچ كۈندىن بېرى يېنىمدىن كەتمىدى، يەيدىغان بىر نەرسىسىمۇ قالمىدى. ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قورساق قايتۇرۇشنى خالىمايمەن، يولدا يىقىلىپ قېلىشى مۇمكىن، - دېدى.


شۇ كۈنى ئەھۋال شۇنداق بولىدۇكى: بۆكەن ئوۋچىدىن قاچقاندەك، قويلار پىتىراپ كەتكەندەك، ھەممە ئادەم ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ ۋە ئۆز زېمىنىگە قاچىدۇ.


قويچى بولمىغاچقا، قويلار تارقىلىپ، ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولدى.


بىراق، ئۇلارنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بىرمۇنچە كىشىلەر ئۇلارنى تونۇۋالغانىدى. خالايىق ئەتراپتىكى پۈتۈن يېزىلاردىن بەس-بەس بىلەن پىيادە يولغا چىقىپ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىشتى.


ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدى. شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - بۇ خىلۋەت بىر جاي ئىكەن، كەچ كىرىپ كەتتى.


شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يەنە نۇرغۇن خالايىق يىغىلغانىدى. ئۇلارنىڭ يەيدىغىنى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ:


- بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇلار ئۈچ كۈندىن بېرى يېنىمدىن كەتمىدى، يەيدىغان بىر نەرسىسىمۇ قالمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite