ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 ئۇ پەقەت ئاددىي بىر ياغاچچىغۇ؟ مەريەم ئۇنىڭ ئانىسى، ياقۇپ، يوسە، يەھۇدا ۋە سىمۇن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئەمەسمۇ؟ سىڭىللىرى بۇ يەردە ئۆز ئىچىمىزدىغۇ؟ - دېيىشەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى رەت قىلدى. Gade chapit la |
ئەللەر تەرىپىدىن نەپرەتلىنىپ رەت قىلىنغان، ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن قۇل قىلىنغان خىزمەتكارىغا پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى قوغدايدىغان، ئۇلارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سېنى كۆرۈپ شاھلار ئورنىدىن تۇرىدۇ، ھۆكۈمدارلار ئالدىڭدا تىزلىنىپ، ساڭا تەزىم قىلىدۇ. چۈنكى سېنى تاللىغان پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا ئىشەنچلىكتۇر.»