Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان جامائەت ھەيران بولۇشۇپ: - بۇ ئادەم بۇلارنى نەدىن ئۆگەنگەندۇ؟ ئۇنىڭغا بۇنچىۋالا ئەقىل-پاراسەتنى كىم بەرگەندۇ؟ بۇ مۆجىزىلەرنى قانداق يارىتىدىغاندۇ؟

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6:2
11 Referans Kwoze  

«بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەيسا ئەمەسمۇ؟ ئاتىسىنىمۇ، ئانىسىنىمۇ تونۇيدىغان تۇرساق، يەنە قانداقلارچە: ˜ئەرشتىن چۈشتۈم!Œ دېيەلىسۇن؟» دېيىشەتتى ئۇلار.


يەھۇدىي ئاقساقاللىرى: - بۇ ئادەم ھېچقانداق تەلىم ئالمىغان تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ قانداقمۇ مۇنچە كۆپ بىلىمى بولسۇن؟ - دەپ ھاڭ-تاڭ قېلىشتى.


ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر تارقاتتى، ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتتى.


ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلىرىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، خالايىق ئۇنىڭ تەلىملىرىگە ھەيران قېلىشتى.


ئۇ ئىبادەتخانىلاردا كىشىلەرگە تەلىم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.


شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھەممە يېرىگە بېرىپ، ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بەردى ھەمدە كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى جىنلارنى ھەيدىدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى رايونلارغا باردى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا يەنە توپ-توپ ئادەم يىغىلغانىدى. ئۇ كۆپچىلىككە ھەر قېتىمقىدەك تەلىم بېرىشكە باشلىدى.


ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەقلىگە ۋە بەرگەن جاۋابلىرىغا ھەيران قېلىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite