9 ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئادەمدىن: - ئىسمىڭ نېمە؟ - دەپ سورىدى. - ئىسمىم «مىڭلىغان»، چۈنكى سانىمىز كۆپ، - دەپ جاۋاب بەردى بۇ ئادەمنى سۆزلىتىۋاتقان جىن
ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئادەمدىن: - ئىسمىڭ نېمە؟ - دەپ سورىدى. - ئىسمىم «مىڭلىغان»، - دەپ جاۋاب بەردى بۇ ئادەمنى سۆزلىتىۋاتقان جىن. چۈنكى، بۇ ئادەمگە مىڭلىغان جىنلار چاپلىشىۋالغانىدى.
ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگىنىدە، ئىلگىرى مىڭلىغان جىنلارغا ئەسىر بولغان ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ھالدا ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىشتى.
ياكى مېنى خۇدائاتامدىن ياردەم ئالالمايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟! خالىسام، ئۇ ماڭا شۇئان ئون ئىككى تۈمەندىن ئارتۇق پەرىشتە ئەۋەتىدۇ.
ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە جىننى باشلاپ كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ. بۇ زاماننىڭ رەزىل ئادەملىرىنىڭ ھالىمۇ مانا شۇنداق بولىدۇ.
سەۋەبى، ھەزرىتى ئەيسا: «ھەي جىن، بۇ ئادەمنىڭ تېنىدىن چىق!» دەپ بۇيرۇغانىدى.
ۋە ھەزرىتى ئەيسادىن ئۆزلىرىنى ئۇ زېمىندىن چىقىرىۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىپ، كۆپ ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى.