5 كېچە-كۈندۈز مازارلىق ۋە دالالاردا ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرەتتى. ئۆز-ئۆزىنى تاش بىلەن ئۇرۇپ يارىلاندۇراتتى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۈنلۈك ۋارقىرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئادىتى بويىچە بەدەنلىرىنى قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن تىلىشىپ، قان ئاققۇزۇشتى.
ئاتاڭلار شەيتان بولغاچقا، سىلەرمۇ ئۇنىڭ ھەۋەسلىرى بويىچە ئىش قىلىسىلەر. ئۇ ئەزەلدىن قاتىل ھەم ھەقىقەتتە تۇرمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر. يالغان سۆزلەش ئۇنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە يالغانچىلىقنىڭ پىرىدۇر.
بىرنەچچە قېتىم قوللىرى زەنجىرلىنىپ، پۇتلىرىغا كىشەنلەر سېلىنغان بولسىمۇ، زەنجىرلەرنى ئۈزۈپ، كىشەنلەرنى چېقىۋەتكەنىدى. ھېچكىم ئۇنى بويسۇندۇرالمىغانىدى.
ئۇ ھەزرىتى ئەيسانى يىراقتىن كۆرۈپ، يۈگۈرگەن پېتى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، يەرگە باش قويدى