41 ئۇ بالىنىڭ قولىدىن تارتىپ، ئۇنىڭغا: «تالىتا كۇمى» دېدى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «قىزىم ساڭا ئېيتىمەنكى، ئورنۇڭدىن تۇر» دېگەنلىك ئىدى.
ھەزرىتى ئەيسا بىمارنىڭ قېشىغا كىرىپ، قولىدىن تۇتۇپ يۆلەپ، ئۆرە تۇرغۇزدى. ئايالنىڭ قىزىتمىسى دەرھال يېنىپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى.
شۇ چاغدا، ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدىغان قۇدرىتى بىلەن بىزنىڭ چىرىپ كېتىدىغان تېنىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ شان-شەرەپلىك تېنىگە ئوخشاش قىلىدۇ.
بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ئىبراھىمغا: «سېنى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى قىلدىم» دەپ ئېيتقىنىدەك. خۇدانىڭ نەزىرىدە ئىبراھىم ھەممىمىزنىڭ ئاتىسىدۇر. چۈنكى، ئىبراھىم ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرىدىغان، مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرىدىغان خۇداغا ئىشەنچ باغلىدى.
چۈنكى خۇدا «بار بولسۇن» دېسە بار بولدى، ئەمرىدىن يوق نەرسىلەر ئاپىرىدە بولدى.
خۇدا: «يورۇقلۇق بولسۇن!» دېدى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى.
ئىچى ئاغرىغان ھەزرىتى ئەيسا قولىنى ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: - خالايمەن، پاك بولغىن! - دېۋىدى،
بىراق، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ھەممەيلەننى تاشقىرىغا چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ۋە بىللە كەلگەن شاگىرتلىرىنى ئېلىپ، بالا بار ئۆيگە كىردى.
ئون ئىككى ياشلىق بۇ قىز شۇئان ئورنىدىن تۇرۇپ، مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ يەردىكىلەر بۇ ئىشقا ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى.