3 ئۇ ئادەم ئۆڭكۈرلەرنى ماكان تۇتقان بولۇپ، ھېچكىم ئۇنى ھەتتا زەنجىر بىلەنمۇ باغلاپ قويالمايتتى.
ئۇلار قەبرىستانلىقلاردا ئولتۇرۇپ، كېچىنى تۈنەپ ئۆتكۈزىدۇ. چوشقا گۆشى يەيدۇ، قاچىلىرىدا ھارام گۆشلەرنىڭ شورپىلىرى بولىدۇ.
ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ھەزرىتى ئەيسا جىنغا ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىشنى بۇيرۇغانىدى. جىن بۇ ئادەمنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىلكىگە ئېلىۋالغانىدى. خەلق بۇ ئادەمنى كۆپ قېتىم زەنجىر-كىشەنلەر بىلەن باغلاپ، قاماپ قويغان بولسىمۇ، ئۇ ئۇلارنى ئۈزۈپ قېچىپ چىقىپ، جىن تەرىپىدىن چۆل-باياۋانلارغا ئېلىپ كېتىلەتتى.
ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، جىن چاپلاشقان بىر ئادەم گۆر قىلىنىدىغان ئۆڭكۈرلەرنىڭ بىرىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى.
بىرنەچچە قېتىم قوللىرى زەنجىرلىنىپ، پۇتلىرىغا كىشەنلەر سېلىنغان بولسىمۇ، زەنجىرلەرنى ئۈزۈپ، كىشەنلەرنى چېقىۋەتكەنىدى. ھېچكىم ئۇنى بويسۇندۇرالمىغانىدى.