21 ھەزرىتى ئەيسا كېمە بىلەن كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا قايتقىنىدا، نۇرغۇن خالايىق كۆل بويىدا يەنە ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلدى.
ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چۈشۈپ كۆلدىن ئۆتۈپ، ئۆزى تۇرغان شەھەر كەپەرناھۇمغا قايتىپ كەلدى.
ھەزرىتى ئەيسا كۆلنىڭ بۇ قېتىغا قايتىپ كەلگىنىدە، خالايىق ئۇنى قارشى ئېلىشتى. چۈنكى، ھەممەيلەن ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى.
ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆل بويىدا خەلققە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلانغان خالايىق ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، ئۇ بىر كېمىگە چىقىپ ئولتۇردى. خالايىق بولسا كۆل بويىدا تۇرۇشاتتى.
شاگىرتلار خالايىقتىن ئايرىلىپ، ھەزرىتى ئەيسا ئولتۇرغان كېمىگە چۈشۈپ، ئۇنى ئېلىپ يۈرۈپ كېتىشتى. ئۇلار بىلەن بىللە ماڭغان باشقا كېمىلەرمۇ بار ئىدى.
ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، جىن چاپلاشقان بىر ئادەم گۆر قىلىنىدىغان ئۆڭكۈرلەرنىڭ بىرىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى.