16 بۇ مۆجىزىنى كۆرگەنلەر جىن چاپلاشقان ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقى ۋە توڭگۇزلارنىڭ ئاقىۋىتىنى خالايىققا سۆزلەپ بەردى.
ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۇرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى. ئۇ يەردىكى خالايىق ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارغا مۇپتىلا بولغان كېسەللەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە جىن چاپلاشقان، بەزىلىرىنىڭ تۇتقاقلىقى بار ۋە يەنە بەزىلىرى پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ساقايتتى.
ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، جىن چاپلاشقان بىر گاچا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى.
ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگىنىدە، ئىلگىرى مىڭلىغان جىنلارغا ئەسىر بولغان ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ھالدا ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىشتى.
ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چىقىۋاتقاندا، ئىلگىرى جىن چاپلاشقان ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭغا: - مەنمۇ سىز بىلەن بىللە كېتەي، - دەپ يالۋۇردى.