Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 5:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 شۇ ئەتراپتىكى تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىپ يۈرەتتى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 5:11
9 Referans Kwoze  

شۇ ئەتراپتىكى تاغ باغرىدا بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىپ يۈرەتتى. جىنلار ھەزرىتى ئەيساغا يالۋۇرۇپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىپ كېتىشىگە ئىجازەت بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئىجازەت بەردى.


شۇ ئەتراپتا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىپ يۈرەتتى.


لېكىن بەزىلەر مەن ئۈچۈن كالا بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىپ، يەنە ھەم بۇتلارغا ئاتاپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلىدۇ، ماڭا قوي قۇربانلىق قىلىپ، يەنە ھەم بۇتلارغا ئىتنىڭ بوينىنى ئۈزۈپ سۇنىدۇ، ماڭا ئاشلىق ھەدىيەسىنى سۇنۇپ، يەنە ھەم بۇتلارغا چوشقا قېنىنى سۇنىدۇ، ماڭا ئىسرىق سېلىپ، يەنە ھەم ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى مەدھىيەلەيدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ يوللىرىنى ئۆزلىرى تاللاپ، قەلبىدىكى يىرگىنىشلىك ئىشلىرىدىنمۇ خۇرسەن بولىدۇ.


ئۇلار قەبرىستانلىقلاردا ئولتۇرۇپ، كېچىنى تۈنەپ ئۆتكۈزىدۇ. چوشقا گۆشى يەيدۇ، قاچىلىرىدا ھارام گۆشلەرنىڭ شورپىلىرى بولىدۇ.


چوشقىمۇ سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر، چۈنكى تۇيىقى ئاچىماق بولسىمۇ، ئۇ كۆشىمەستۇر. ئۇنىڭ گۆشىنى يېسەڭلارمۇ، ئۆلۈكىنى تۇتساڭلارمۇ بولمايدۇ.


- ئىتقا مۇقەددەس نەرسىنى بەرمەڭلار ياكى توڭگۇزنىڭ ئالدىغا ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى تاشلاپ قويماڭلار. چۈنكى، ئىت كەينىگە بۇرۇلۇپ سىلەرنى تالايدۇ؛ توڭگۇز ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئاياغ ئاستىدا دەسسەپ يانجىيدۇ.


ۋە ھەزرىتى ئەيسادىن ئۆزلىرىنى ئۇ زېمىندىن چىقىرىۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىپ، كۆپ ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى.


جىنلار ھەزرىتى ئەيساغا: - بىزنى مۇشۇ توڭگۇز پادىسىغا ھەيدىۋەتكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشكە ئىجازەت بەرگىن، - دەپ يالۋۇرۇشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite