5 بەزىلىرى تۇپرىقى كەم تاشلىق يەرلەرگە چۈشۈپتۇ. توپىسى نېپىز بولغانلىقتىن، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ،
سىلەرگە يېڭى قەلب ۋە يېڭى روھ ئاتا قىلىمەن. ئىچىڭلاردىكى تاش يۈرەكنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا يۇمشاق گۆش يۈرەك قويىمەن.
تاشلىق تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلار بۇنىڭغا بىر مەھەل ئىشەنگەن بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يىلتىزى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىرەر مۈشكۈللۈككە يولۇقسىلا، بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
بەزىلىرى ئاستى تاشلىق تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئەمما، يەردىكى نەملىك يېتىشمىگەنلىكتىن، ئۇرۇقلار ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن قۇرۇپ كېتىپتۇ.
ئات قىيا تاشلار ئۈستىدە چاپالامدۇ؟ ئۆكۈز دېڭىزنى يەردەك ئاغدۇرالامدۇ؟ لېكىن سىلەر شۇنداق قىلىپ، ئادالەتنى زەھەرگە ئايلاندۇردۇڭلار، ھەققانىيەتنىڭ شېرىن مېۋىلىرىنى قىرتاق قىلدىڭلار.
مەن ئۇلارغا سەمىمىي بىر قەلب ۋە يېڭى روھ ئاتا قىلىمەن. ئۇلارنىڭ تاشتەك قاتتىق يۈرىكىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا بىر يۇمشاق يۈرەك ئاتا قىلىمەن.
تۇپرىقى كەم تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلارغا كەلسەك، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، خۇشاللىق بىلەن دەرھال قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان.
سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھەققانىيلىق ئۇرۇقىنى تېرىڭلار، ئۇنىڭدىن مېھىر-مۇھەببەت ھوسۇلى ئېلىڭلار. قەلب ئېتىزىڭلارنى يۇمشىتىڭلار. ھازىر سىلەرگە مەن پەرۋەردىگارىڭلارنى ئىزدەش ۋاقتى كەلدى. مەن كېلىپ، ئۈستۈڭلارغا ھەققانىيلىقنىڭ يامغۇرىنى ياغدۇرىمەن.
چاچقان ئۇرۇقلىرىنىڭ بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپتۇ، قۇشلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ.
لېكىن چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغاچقا، كۈن چىقىش بىلەنلا سولىشىپ قۇرۇپ كېتىپتۇ.