41 ئۇلار بولسا قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە بىر-بىرىگە: - بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! - دەپ كېتىشتى.
- ئىشەنچىڭلار نەگە كەتتى؟ - دېدى. شاگىرتلار ھەم ھەيران بولۇپ، ھەم قورقۇشۇپ، بىر-بىرىگە: - بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ بۇيرۇق قىلسا، ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! - دەپ كېتىشتى.
‹بولدى قىل، پاسىلىڭدىن ئېشىپ كەتمە، ئەسەبىي دولقۇنلىرىڭمۇ مۇشۇ يەردە توختىسۇن!› دېدىم.
شاگىرتلار ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: - بۇ زادى قانداق ئادەمدۇ؟ ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! - دەپ كېتىشتى.
خۇدانىڭ ھەيۋىسىدىن پەرىشتىلەر تىترەپ تۇرار، ئەتراپىدا ھەممەيلەن قورقۇپ تۇرار.
سىلەر چوقۇم پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭغا ساداقەتلىك بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار. ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغان ئىشلىرىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ئويلاڭلار.
ئى پەرۋەردىگار، سەندىن قورقمايدىغان كىم بار، نامىڭنى مەدھىيىلىمەيدىغان؟ چۈنكى، يېگانە مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن. كېلىپ پۈتكۈل خەلقلەر، ساڭا سەجدە قىلغۇسى. چۈنكى، ئاشكارا بولغاچ قىلغانلىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقى.»
ئۆزىدە نېمە ئەھۋالنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سەزگەن ئايالمۇ قورققىنىدىن تىترىگەن ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئايىغىغا يىقىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتتى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، زىلزىلىگە كەلتۈرۈلمەيدىغان بىر پادىشاھلىققا مۇيەسسەر بولغىنىمىزدىن مىننەتدار بولۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھۆرمەت ۋە ئەيمىنىش بىلەن خۇداغا ئىبادەت قىلايلى.
بۇنىڭدىن ھەيران بولغان كۆپچىلىك بىر-بىرىگە: - ئۇنىڭ سۆزلىرى نېمىدېگەن كۈچلۈك! ئۇ دەرۋەقە جىنلارغا بۇيرۇق قىلىش نوپۇزى ۋە قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەن! جىنلار راستتىنلا چىقىپ كەتتى، - دېيىشتى.
ئۇلار كېمىگە چىققاندا، شامال توختىدى.
لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ مەقسىتى ھاياتلىق ۋە ئامانلىق ئاتا قىلىش بولۇپ، دەرۋەقە مەن بۇلارنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىم. بۇ ئەھدە ئۇلارنىڭ مېنى ھۆرمەتلىشى تەلەپ قىلىنغانىدى. ھەقىقەتەن ئۇلار ماڭا ئىخلاسمەن بولدى ۋە مېنى ھۆرمەتلىدى.
خالايىق ئىنتايىن ھەيرانلىق ئىچىدە قالغانىدى. ئۇلار: - ئۇ قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ياخشى! ھەتتا گاسلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېچىپ، گاچىلارنى زۇۋانغا كەلتۈردى، - دېيىشتى.
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: - نېمانچە قورقىسىلەر! تېخىچە ئىشەنچىڭلار يوقمۇ؟ - دېدى.
ئۇلار كۆلنىڭ ئۇ قېتىدىكى گېراسالىقلار تۇرىدىغان يەرگە باردى.