40 ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: - نېمانچە قورقىسىلەر! تېخىچە ئىشەنچىڭلار يوقمۇ؟ - دېدى.
- ئىشەنچىڭلار نەگە كەتتى؟ - دېدى. شاگىرتلار ھەم ھەيران بولۇپ، ھەم قورقۇشۇپ، بىر-بىرىگە: - بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ بۇيرۇق قىلسا، ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! - دەپ كېتىشتى.
- نېمانچە قورقىسىلەر، ئىشەنچىڭلار نېمىدېگەن ئاجىز! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، بوران-چاپقۇن ۋە دولقۇنلارغا بۇيرۇق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، بوران ۋە دولقۇنلار پۈتۈنلەي تىنچىدى.
ھەزرىتى ئەيسا دەرھال قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى ۋە ئۇنىڭغا: - ئەي ئىشەنچى ئاجىز، نېمىشقا گۇمان قىلدىڭ؟ - دېدى.
ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! نېمە ئۈچۈن نان ئەكەلمىگەنلىكىڭلار توغرىسىدا سۆزلىشىسىلەر؟
سىلەر چوڭقۇر سۇلارنى كېچىپ ئۆتكىنىڭلاردا، مەن سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. سىلەر دەريالارنى كەزگىنىڭلاردا، شىددەتلىك ئېقىم سىلەرنى ئېقىتىپ كېتەلمەيدۇ. ئوت ئىچىدە يۈرگىنىڭلاردا، سىلەر كۆيۈپ كەتمەيسىلەر. سىلەرگە ئوت تۇتاشمايدۇ.
ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! خۇدادىن نېمىشقا گۇمانلىنىۋاتىسىلەر؟ دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا قالىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى ئاشۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟
ئۇ زەخىملەنگەن قومۇشنى سۇندۇرۇۋەتمەيدۇ، پىلىلداپ ئاجىز يېنىپ تۇرغان چىراغنى ئۆچۈرۈۋەتمەيدۇ. ئۇ چوقۇم ئادالەتنى يولغا قويىدۇ.
ئۇلار بولسا قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە بىر-بىرىگە: - بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! - دەپ كېتىشتى.