37 قاتتىق بوران چىقىپ، دولقۇنلار شۇنداق ئۇردىكى، كېمىگە سۇ توشاي دەپ قالغانىدى.
تۇيۇقسىز چۆل تەرەپتىن قارا بوران كېلىپ ئۆينى ئۆرۈۋەتتى. پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۆينىڭ ئاستىدا قېلىپ قازا قىلدى. پەقەت مەن ساق قالدىم، شۇڭا خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم، _ دېدى.
بىراق پەرۋەردىگار دېڭىزغا كۈچلۈك بوران ئەۋەتتى. دېڭىزدا دەھشەتلىك بوران چىقىپ، دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، كېمىنى پارچىلىۋەتكىلى تاس قالدى.
_ ئۇنداقتا ئۇنىڭ بارلىق نەرسىلىرى سېنىڭ ئىلكىڭدە بولسۇن، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغۇچى بولما، _ دېدى پەرۋەردىگار شەيتانغا. شەيتان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كەتتى.
ئۈچ قېتىم رىم ھۆكۈمرانلىرىدىن تاياق يېدىم، بىر قېتىم چالما-كېسەك قىلىندىم، ئۈچ قېتىم كېمە ھادىسىسىگە ئۇچرىدىم، بىر كېچە-كۈندۈزنى دېڭىزدا ئۆتكۈزدۈم.
لېكىن، كېمە قىرغاققا يەتكۈچە، دېڭىز ئاستىدىكى قۇم دۆۋىسىگە ئۇرۇلۇپ پېتىپ قالدى. كېمىنىڭ بېشى قۇمغا پېتىپ، مىدىرلىيالماي قالدى، كېمىنىڭ ئارقا تەرىپى دولقۇنلارنىڭ زەربىسى بىلەن چۇۋۇلۇپ كېتىشكە باشلىدى.
شاگىرتلار خالايىقتىن ئايرىلىپ، ھەزرىتى ئەيسا ئولتۇرغان كېمىگە چۈشۈپ، ئۇنى ئېلىپ يۈرۈپ كېتىشتى. ئۇلار بىلەن بىللە ماڭغان باشقا كېمىلەرمۇ بار ئىدى.
ھەزرىتى ئەيسا كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياستۇققا باش قويۇپ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. شاگىرتلار ئۇنى ئويغىتىپ: - ئۇستاز، بىز غەرق بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتساق، كارىڭىز يوقمۇ؟ - دېيىشتى.