Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

32 تېرىلغاندىن كېيىن، ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ شۇنداق شاخلايدۇكى، قۇشلارمۇ ئۇنىڭ سايىسىدە ئۇۋۇلايدۇ.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:32
15 Referans Kwoze  

كىمكى ماكان تۇتسا ئۇلۇغ خۇدانىڭ پاناھىدا، ياشار ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدا سايىسىدا.


پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ _ ھاياتىمىزنىڭ يىلتىزى چۈشتى ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا. ئۈمىد قىلغانىدۇق بىز ئەسلى، ياشايمىز دەپ ئەللەر ئارا پادىشاھىمىزنىڭ سايىسىدا.


ئۇلار بوراندىن دالدىلىنىدىغان پاناھلىق جايغا، جۇدۇن-چاپقۇندىن پاناھلىنىدىغان جايغا ئوخشايدۇ. ئۇلار قاغجىرىغان يەرنى سۇغىرىدىغان ئېقىن سۇلارغا ئوخشايدۇ. قاتتىق ئىسسىق يەردىكى قورام تاشنىڭ سالقىن سايىسىغا ئوخشايدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس تېغى سىئوننى ھېچنېمە گۇمران قىلالمايدۇ. خۇددى سۇلار دېڭىزنى تولدۇرغاندەك، پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىدىغان بىلىم بىلەن تولدۇرۇلىدۇ.


تۇرار مېنىڭ ئاشىقىم يىگىتلەر ئارىسىدا، خۇددى ئۆسكەن ئالما دەرىخىدەك ئورمان ئارا. شېرىن تېتىيدۇ ئۇنىڭ مېۋىسى ماڭا، دىلىم يايرايدۇ ئولتۇرسام سايىسىدا.


تاڭ نۇرىغا ئوخشار ھەققانىيلارنىڭ يولى، قۇياش تولۇق كۆتۈرۈلگىچە نۇرلىنار يورۇغانسېرى.


سۇ بويىغا قۇشلارمۇ كۆكتىن چۈشۈپ قونىدۇ، دائىم ئۇلار شاخلاردا تاقلاپ يۈرۈپ سايرايدۇ.


ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئېگىز تاغ چوققىسىدا ئۆسۈپ، شاخ چىقىرىپ، باراقسان بولۇپ، كۆركەم بىر كېدىر دەرىخىگە ئايلىنىدۇ، ھەر خىل قۇشلار شاخلىرىغا كېلىپ قونىدۇ، سايىسىدا پاناھلىنىدۇ.


قىچا ئۇرۇقى پۈتۈن ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك بولسىمۇ، ئۇ ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ كۆچەت بولىدۇ، ھەتتا قۇشلارمۇ كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلايدۇ.


ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. قىچا ئۇرۇقى پۈتۈن ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك بولسىمۇ،


ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ سۆزىنى بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن تەمسىللەر بىلەن جامائەت چۈشىنەلىگۈدەك قىلىپ چۈشەندۈرەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite