Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 يەنە بەزى كىشىلەر مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، قوبۇل قىلىدۇ. خۇدانىڭ سۆزى ئۇلاردا ئوتتۇز، ئاتمىش، ھەتتا يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:20
14 Referans Kwoze  

شۇنداق بولغاندا، رەببىمىزنىڭ ئىرادىسىگە مۇناسىپ ياشاپ، ھەر جەھەتتىن ئۇنى خۇرسەن قىلالايسىلەر ھەمدە ھاياتىڭلاردا ھەربىر ياخشى ئىشتا مېۋە بېرىپ، خۇدانى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتەلەيسىلەر.


مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئۇلارنى پاك ۋە چىن دىلىدا چىڭ ساقلايدىغان، ھوسۇل بەرگۈچە سەۋر قىلىدىغان كىشىلەردۇر.


بەزىلىرى بولسا مۇنبەت تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۇلار ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۆسۈپ چوڭ بولۇپ، ياخشى ھوسۇل بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوتتۇز، بەزىلىرى ئاتمىش، يەنە بەزىلىرى بولسا يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ.


مۇنبەت تۇپراققا چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن ئادەمگە تەمسىل قىلىنغان. بۇنداق ئادەملەر ئەلۋەتتە ھوسۇل بېرىدۇ، بەزىلىرى يۈز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ.


چۈنكى، سىلەر بۇ خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولساڭلار، شۇنداقلا بۇ خۇسۇسىيەتلەرنى ھاياتىڭلاردا تېخىمۇ يېتىلدۈرسەڭلار، سىلەرنىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە بولغان تونۇشۇڭلار ئەھمىيەتسىز بولمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتىڭلاردا ياخشى نەتىجىلەر بارلىققا كېلىدۇ.


ئىسھاق بىر يىلى يېرىگە ئۇرۇق چاچتى. ئۇ شۇ يىلى يېرىدىن يۈز ھەسسە كۆپ ھوسۇل ئالدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلغانىدى.


خۇددى شۇنىڭدەك، قېرىنداشلىرىم، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربان بولۇشى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. سىلەر ھازىر باشقا بىرىگە باغلاندىڭلار، يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرەلەيسىلەر.


سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى تاللىدىم. مەن سىلەرنى مېۋە بەرسۇن ھەمدە مېۋىلىرىڭلار مەڭگۈ ساقلانسۇن، دەپ تەيىنلىدىم. مۇشۇنداق مېۋە بەرگىنىڭلاردا، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتامدىن نېمە تىلىسەڭلار، ئاتام شۇنى بېرىدۇ.


قېرىنداشلار، ئاخىردا بىز يەنە شۇنى دېمەكچىمىزكى، خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى بىزدىن ئۆگىنىۋالدىڭلار ھەمدە سىلەر ئەمەلىيىتىڭلاردىمۇ بىزدىن ئۆگەنگىنىڭلار بويىچە شۇنداق ياشاۋاتىسىلەر. ئەمدى خۇدانى خۇرسەن قىلىشقا تېخىمۇ تىرىشىشىڭلارنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن سورايمىز.


ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتىڭلار يەنە ھەققانىيلىق مېۋىسى بىلەن تولۇپ، خۇداغا شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىلەر ئېلىپ كېلىسىلەر.


بەزىلىرى بولسا مۇنبەت تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۈز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ.


باغۋەن مەندىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى كېسىپ تاشلايدۇ. مېۋە بەرگەنلىرىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ مېۋە بەرسۇن دەپ، پۇتاپ تۇرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite