2 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىل بىلەن نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى ئۆگەتتى. ئۇ تەلىمىدە مۇنداق دېدى:
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى. لېكىن، پادىشاھلىقنىڭ سىرتىدىكىلەرگە ھەممە ئىش تەمسىللەر بىلەن ئۇقتۇرۇلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسا تەۋرات ئۇستازلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن مۇنداق دېدى: - شەيتان شەيتاننى قانداقمۇ قوغلىسۇن؟
شاگىرتلىرى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن: - سىز نېمە ئۈچۈن كۆپچىلىككە تەلىم بەرگەندە تەمسىل كەلتۈرىسىز؟ - دەپ سورىدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىل بىلەن نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: - بىر دېھقان ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزىغا چىقىپتۇ.
ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى: - تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ھوشيار بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىۋېلىپ، غادىيىپ يۈرۈشكە ئامراق كېلىدۇ. بازارلاردا باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە سالام بېرىپ ھۆرمەتلىشىنى،
ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلىرىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، خالايىق ئۇنىڭ تەلىملىرىگە ھەيران قېلىشتى.
ھېكمەت بىلەن ئاچاي مەن ئاغزىمنى، بايان ئەيلەپ سىلەرگە ئۆتمۈشتىكى ساۋاقلارنى.
دىققىتىمنى بېرىپ مەن ھېكمەتلىك سۆزلەرگە، لىرا چېلىپ شەرھى بېرەي ئۇنىڭ سىرلىق مەنىلىرىگە.
باش روھانىي ھەزرىتى ئەيسادىن شاگىرتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ تەلىم بېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سورىدى.
- قۇلاق سېلىڭلار! بىر دېھقان ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزىغا چىقىپتۇ.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى رايونلارغا باردى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا يەنە توپ-توپ ئادەم يىغىلغانىدى. ئۇ كۆپچىلىككە ھەر قېتىمقىدەك تەلىم بېرىشكە باشلىدى.
ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى: - بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. مۇسەللەس ئىشلەش ئۈچۈن ئۈزۈمزارلىققا بىر كۆلچەك قازدۇرۇپتۇ ۋە بىر كۆزەتخانا ياسىتىپتۇ. كېيىن، ئۈزۈمزارلىقنى ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى يىراق بىر يەرگە كېتىپتۇ.