16 تۇپرىقى كەم تاشلىق يەرلەرگە چۈشكەن ئۇرۇقلار مۇنداق كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنغان. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ.
تاشلىق تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلار بۇنىڭغا بىر مەھەل ئىشەنگەن بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يىلتىزى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىرەر مۈشكۈللۈككە يولۇقسىلا، بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
چۈنكى، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ دۇرۇس ۋە خۇداغا ئاتالغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ھىرود خان ئۇنىڭدىن قورقاتتى ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلاتتى. ھىرود يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالاتتى. بىراق، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يەنىلا قىزىقىپ ئاڭلايتتى.
يەھيا پەيغەمبەر نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چىراغقا ئوخشايدۇ. سىلەر ئۇنىڭ يورۇقلۇقىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ بەھرىمەن بولۇشنى خالىدىڭلار.
شىمون ئۆزىمۇ ئىشەندى ۋە چۆمۈلدۈرۈلدى. ئۇ ھەمىشە فىلىپ بىلەن بىللە بولدى ھەمدە فىلىپ كۆرسەتكەن زور مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى.
ئاگرىپا خان پاۋلۇسقا: - سەن مېنى مۇشۇنچىلىك قىسقىغىنا ۋاقىتتا ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا قايىل قىلالايمەن، دەپ ئويلاۋاتامسەن؟ - دېدى.
بەزىلىرى تۇپرىقى كەم تاشلىق يەرلەرگە چۈشۈپتۇ. توپىسى نېپىز بولغانلىقتىن، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ،
چىغىر يولغا چۈشكەن ئۇرۇقلار مۇنداق ئادەملەرگە تەمسىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان شەيتان كېلىپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە چۈشكەن سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ.
ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆزى ئۇلاردا يىلتىز تارتمىغاچقا، ئۇلار ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەنگەنلىكىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، دەرھال خۇدا يولىدىن چەتنەپ كېتىدۇ.