15 چىغىر يولغا چۈشكەن ئۇرۇقلار مۇنداق ئادەملەرگە تەمسىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان شەيتان كېلىپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە چۈشكەن سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ.
ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى، دۈشمىنىڭلار بولغان شەيتان خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن شىردەك ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلارنى يۇتماقچى بولۇپ، قاتراپ يۈرىدۇ.
ئەگەر بىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى سۆزنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چۈشەنمىسە، شەيتان كېلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە چۈشكەن سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ دەل چىغىر يول ئۈستىگە چېچىلغان ئۇرۇقلاردۇر.
بۇنىڭدىكى مەقسەت، شەيتان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈندۇر. چۈنكى، بىز شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنى ياخشى بىلىمىز.
چىغىر يولدىكى تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار شۇنداق كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنغانكى، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىسىمۇ، ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. شەيتان ئۇلارنى ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇلمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئېلىپ قېچىپ كېتىدۇ.
چاچقان ئۇرۇقلىرىنىڭ بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپتۇ، قۇشلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ.
پېترۇس ئۇنىڭغا: - ھانانىيا، نېمىشقا قورسىقىڭغا شەيتاننى كىرگۈزۈپ، يەر ساتقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزۈڭگە قالدۇرۇش بىلەن مۇقەددەس روھقا يالغان ئېيتتىڭ؟
بىز يەتكۈزگەن بۇ سۆزلەرگە كىم ئىشىنىدۇ؟ پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى كىمگە ئايان بولدى؟
ئۇلارنى ئازدۇرغان ئىبلىس بولسا دىۋە بىلەن ساختا پەيغەمبەر كۆيۈۋاتقان ئوت ۋە گۈڭگۈرت كۆلىگە تاشلىنىپ، ئۇ يەردە كېچە-كۈندۈز مەڭگۈ ئازابلىنىدۇ.
مىڭ يىل توشقاندا، شەيتان زىنداندىن بوشىتىلىپ،
شۇڭا، ھەقىقەتتىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ئاڭلىغان ھەقىقەتتە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.
خۇداغا قارشى چىققۇچى شەيتاننىڭ كۈچى بىلەن كېلىپ، ھەر خىل كۈچ-قۇدرەت، ئادەم ئازدۇرىدىغان مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ
بىراق، مېھمانلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېتىبارغا ئالماي، بىرى ئېتىزىغا كەتسە، يەنە بىرى تىجارىتىگە كېتىپتۇ.
چوڭ ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن دۇنيانى ئازدۇرغان ھېلىقى قەدىمىي يىلان ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە يەر يۈزىگە تاشلاندى.
- يوقال، شەيتان! تەۋراتتا: «رەببىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن.
ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا باش روھانىي يوشۇۋانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسەتتى. شەيتان يوشۇۋانىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىۋاتاتتى.
شۇنىڭ بىلەن لۇت تاشقىرىغا چىقىپ، قىزلىرىنىڭ لايىقلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: _ سىلەر بۇ شەھەردىن دەرھال كېتىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى خاراب قىلماقچى، _ دېدى. لېكىن ئۇلار لۇتنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى.
ھېچكىم جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمىسۇن ياكى تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنى بىر ۋاخ تاماققا ساتقان ئەساۋغا ئوخشاش، خۇداغا بىھۆرمەتلىك قىلمىسۇن.
پاۋلۇسنىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىغان بەزى كىشىلەر ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى. يەنە بەزىلەر: - بۇ ئىشنى يەنە بىر ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىمىز، - دېدى.
دېھقان چاچقان ئۇرۇق خۇدانىڭ سۆزىدۇر.
تۇپرىقى كەم تاشلىق يەرلەرگە چۈشكەن ئۇرۇقلار مۇنداق كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنغان. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ.