3 ھەزرىتى ئەيسا قولى قۇرۇپ كەتكەن كېسەلگە: - ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئالدىغا چىق! - دېدى.
ئەيسا مەسىھ جىسمانىي جەھەتتە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنىكەن، سىلەرمۇ شۇنداق ئىرادە بىلەن ئۆزۈڭلارنى قوراللاندۇرۇڭلار. چۈنكى، خۇدا يولىدا جىسمانىي جەھەتتە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن كىشى گۇناھ قىلىشنى توختىتىشقا بەل باغلىغان بولىدۇ.
زىندانغا تاشلانغانلىقىم سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلارنىڭ رەببىمىزگە بولغان ئىشەنچى كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى تېخىمۇ مەردانە ۋە يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزىدىغان بولدى.
شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشمايلى. شۇنداق قىلساق، ۋاقتى كەلگەندە چوقۇم مول ھوسۇل ئالالايمىز.
شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ تۇرۇڭلار. رەببىمىزگە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىڭلار.
كۈننىڭ يورۇق ۋاقتىدا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ بىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك. كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتسە، ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ.
بىراق، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا قولى قۇرۇپ كەتكەن ھېلىقى كېسەلگە: - ئورنۇڭدىن تۇر، ئالدىمغا كەل! - دېۋىدى، ھېلىقى كېسەل ئورنىدىن تۇردى.
دانىيال بۇ پەرماننىڭ چۈشكىنىنى ئاڭلاپ، ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر بالىخانا بار ئىدى. بالىخانىنىڭ دېرىزىسى يېرۇسالېم تەرەپكە قاراپ ئېچىلغانىدى. ئۇ بۇرۇنقىدەكلا دېرىزىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆزى ئېتىقاد قىلىدىغان خۇداغا دۇئا قىلىپ، دۇئا قىلدى.
ئۇ يەر يۈزىدە ئادالەتنى ئورناتقۇچە، ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، چۈشكۈنلەشمەيدۇ. ھەتتا دېڭىز بويىدىكى خەلقلەرمۇ ئۇنىڭ تەلىم بېرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدۇ.»
ئىبادەتخانىدا بىر قولى قۇرۇپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. بەزى پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا باھانە تېپىش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: - دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ - دەپ سورىدى.
بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەش مەقسىتىدە ئۇنىڭ دەم ئېلىش كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى.
ئاندىن، ئىبادەتخانىدىكىلەردىن: - قانداق قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن؟ دەم ئېلىش كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى ھالاك قىلىشمۇ؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار زۇۋان سۈرۈشمىدى.