24 ئەگەر بىر دۆلەتتىكىلەر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ سوقۇشسا، ئۇ دۆلەت پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
ئاندىن مەن «ئىناقلىق» دەپ ئاتالغان ئىككىنچى تاياقنى قولۇمغا ئېلىپ، سۇندۇرۇۋەتتىم. شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى ئىناقلىقنى بۇزۇپ تاشلىدىم.
مەن ئۇلارنى ئىسرائىلىيەنىڭ تۇپرىقى، يەنى تاغلىرىدا بىرلەشتۈرۈپ، بىر خەلق قىلىمەن. ئۇلارنى بىرلا پادىشاھ باشقۇرىدۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى پادىشاھلىققا پارچىلانمايدۇ.
شۇڭا داۋۇت ئابىشايغا: _ بىكرىنىڭ ئوغلى شىبا بىزگە ئابسالومدىنمۇ ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. سەن ئادەملىرىمنى باشلاپ بېرىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلا. ئۇ سېپىللىرى مۇستەھكەم بىر شەھەرگە كىرىپ، يوشۇرۇنۇۋالمىسۇن، _ دېدى.
شۇ چاغدا شىبا ئىسىملىك بىر ئوسال ئادەم شۇ يەردە بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىكرىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ بۇرغا چالدى ۋە مۇنداق دېدى: «يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، بىزنىڭ ھەم ئۇنىڭدا قەرزىمىز يوق. ھەي ئىسرائىللار، ھەممىمىز ئۆز ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى!»
ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بولسۇن. ئى ئاتا، سەن مەندە، مەن سەندە بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىزدە بولسۇن. شۇ ئارقىلىق، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن، دەپ دۇئا قىلىمەن.
ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - ئەگەر بىر دۆلەتتىكىلەر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ سوقۇشسا، ئۇ دۆلەت زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. ھەرقانداق شەھەر ياكى ئائىلىدىكىلەر ئۆزئارا جېدەل-ماجىرا قىلىشسا، ئۇلارمۇ ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسا تەۋرات ئۇستازلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن مۇنداق دېدى: - شەيتان شەيتاننى قانداقمۇ قوغلىسۇن؟
بىر ئائىلىدىكىلەر ئۆزئارا جېدەل-ماجىرا قىلىشسا، ئۇ ئائىلە ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ.