23 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسا تەۋرات ئۇستازلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن مۇنداق دېدى: - شەيتان شەيتاننى قانداقمۇ قوغلىسۇن؟
ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەمسىللەر بىلەن كۆپچىلىككە بايان قىلدى. ئۇ تەمسىل كەلتۈرمەي تۇرۇپ ھېچقانداق تەلىم بەرمەيتتى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىل بىلەن نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى ئۆگەتتى. ئۇ تەلىمىدە مۇنداق دېدى:
- يوقال، شەيتان! تەۋراتتا: «رەببىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن.
دىققىتىمنى بېرىپ مەن ھېكمەتلىك سۆزلەرگە، لىرا چېلىپ شەرھى بېرەي ئۇنىڭ سىرلىق مەنىلىرىگە.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىل بىلەن نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: - بىر دېھقان ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزىغا چىقىپتۇ.
ئەگەر بىر دۆلەتتىكىلەر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ سوقۇشسا، ئۇ دۆلەت پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى. لېكىن، پادىشاھلىقنىڭ سىرتىدىكىلەرگە ھەممە ئىش تەمسىللەر بىلەن ئۇقتۇرۇلىدۇ.
ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى: - بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. مۇسەللەس ئىشلەش ئۈچۈن ئۈزۈمزارلىققا بىر كۆلچەك قازدۇرۇپتۇ ۋە بىر كۆزەتخانا ياسىتىپتۇ. كېيىن، ئۈزۈمزارلىقنى ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى يىراق بىر يەرگە كېتىپتۇ.