Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 يېرۇسالېمدىن كەلگەن تەۋرات ئۇستازلىرى بولسا: «ئۇنىڭغا شەيتان چاپلىشىۋاپتۇ»، «ئۇ جىنلارنى ئۇلارنىڭ باشلىقى بولغان شەيتانغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن» دېيىشەتتى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:22
14 Referans Kwoze  

بۇ چاغدا، پايتەخت يېرۇسالېمدىن بەزى پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:


شۇنىڭ ئۈچۈن، شاگىرت ئۇستازىدەك، قۇل خوجايىنىدەك بولغىنىغا قانائەت قىلسۇن. ئۇلار ئۆينىڭ بېشى بولغان مېنى «جىنلارنىڭ پادىشاھى شەيتان» دەپ ئاتىغان يەردە، ئۆينىڭ ئەزالىرى بولغان سىلەرنى تېخىمۇ زور ھاقارەت قىلمامدۇ؟


بۇ سۆزنى ئاڭلىغان پەرىسىيلەر: - ئۇ جىنلارنى ئۇلارنىڭ باشلىقى بولغان شەيتانغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن، - دېيىشتى.


لېكىن، پەرىسىيلەر: - ئۇ جىنلارنى ئۇلارنىڭ باشلىقىغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن، - دېيىشتى.


كۆپچىلىك: - سىزگە جىن تېگىپتۇ! سىزنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىم ئىكەن؟ - دېيىشتى.


ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا: - ساڭا جىن چاپلاشقانلىقىنى ئەمدى ئېنىق بىلدۇق، - دېيىشتى، - ھەتتا ئەجدادىمىز ئىبراھىم ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئۆلگەن تۇرسا، سەن قانداقچە: «تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرگەن كىشى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ!» دېيەلەيسەن؟


يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيساغا جاۋابەن: - ئەجەبا، بىزنىڭ سېنى: «سامارىيىلىك ھەم جىن چاپلاشقان ئادەمسەن» دېگەن سۆزىمىز توغرا ئەمەسمۇ؟ - دېيىشتى.


بىراق بەزى كىشىلەر: «ئۇ، جىنلارنى ئۇلارنىڭ باشلىقى بولغان شەيتانغا تايىنىپ ھەيدىۋېتىدۇ» دېدى.


بىر كۈنى، يېرۇسالېمدىن كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ چۆرىسىگە يىغىلدى.


چۈنكى، يەھيا پەيغەمبەر كېلىپ روزا تۇتاتتى، شاراب ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار: «ئۇنىڭغا جىن تېگىپتۇ» دېيىشتى.


قىش پەسلى بولۇپ، يېرۇسالېمدا مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىنى خاتىرىلەيدىغان بايرام ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى.


بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بېرىۋاتقاندا، ئۇنىڭ يېنىدا پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئولتۇراتتى. ئۇلار جەلىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. رەببىمىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەزرىتى ئەيساغا يار بولغاچقا، كېسەللەرنى ساقايتىۋاتاتتى.


ئەمما، مەن ئىنسان ئەمەس بەلكى قۇرت كەبى، ئىنسانلار ئارىسىدا خار ۋە زەبۇندۇرمەن، ئاۋام خەلق ئارىسىدا كەمسىتىلگەندۇرمەن.


بىر كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى پادىشاھى ئاخازيا سامارىيە شەھىرىدە ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھۇجرىسىنىڭ پەنجىرىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەقرون شەھىرىنىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن ئۆزىنىڭ ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىنى سوراپ كېلىش ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite