Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بېرىشتى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنى «ئەقلىدىن ئېزىپتۇ» دەپ ئويلاشقانىدى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:21
8 Referans Kwoze  

پاۋلۇس ئۆزىنى مانا شۇنداق ئاقلىغاندا، ۋالىي فېستۇس يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭغا: - پاۋلۇس، ساراڭ بولۇپسەن! يۇقىرى بىلىمىڭ ئەقلىڭنى ئازدۇرۇپتۇ! - دېدى.


بىرمۇنچە كىشىلەر: - ئۇنىڭغا جىن تېگىپتۇ، ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇدەكمىز؟ - دېيىشەتتى.


شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كەلدى. ئۇلار تاشقىرىدا تۇرۇپ، ئۇنى چاقىرىشقا ئادەم كىرگۈزدى.


بەزىلەرگە نىسبەتەن بىز ئېلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنگەن بولساق، كېرەك يوق. چۈنكى، خۇدا بىزنىڭ ھەرقانداق ئىشنى ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ. سىلەرگە نىسبەتەن بىزنىڭ ئەقلىمىز جايىدا، چۈنكى سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىسىلەر.


يېھۇ سەركەردىلەرنىڭ قېشىغا قايتىپ چىققاندا، ئۇلاردىن بىرى ئۇنىڭدىن: _ ھەممە ئىش ياخشىدۇ؟ بۇ ساراڭ قېشىڭغا نېمىدەپ كەپتۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: _ سىلەر بۇنداق ئادەملەرنىڭ قانداق گەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلىسىلەرغۇ، _ دېدى.


جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى، جازالىنىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، بۇنى بىلىڭلار. سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار ئېغىر، قەلبىڭلار ئۆچمەنلىككە تولغاندۇر. سىلەر: «پەيغەمبەرلەر ھاماقەت، پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگەن ئادەملەر ساراڭ» دەيسىلەر.


‹ئەي زىفانىيا، پەرۋەردىگار سېنى يىھويادانىڭ ئورنىغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا روھانىيلىققا تەيىنلىدى. سەن ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى بولۇپ، ھەرقانداق بىر ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان ئەقلىدىن ئازغانلارنىڭ بوينىغا تاقاق ۋە پۇتلىرىغا كىشەن سېلىشقا مەسئۇل بولدۇڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite