20 ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەرگە يەنە شۇنچە نۇرغۇن خالايىق توپلاندىكى، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرىنىڭ غىزالىنىشقىمۇ چولىسى تەگمىدى.
كېلىپ-كېتىۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن، ھەزرىتى ئەيسا ۋە شاگىرتلارغا غىزالىنىشقىمۇ ۋاقىت چىقمىدى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - يۈرۈڭلار، مەن بىلەن خىلۋەت بىر جايغا بېرىپ، بىر دەم ئارام ئېلىڭلار، - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرى بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، تۈز بىر يەردە تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن شاگىرتلار ھەمدە يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن كەلگەن كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ كېلىپ يىغىلىشتى. ھەتتا دېڭىز بويىدىكى تىر ۋە سىدون شەھەرلىرىدىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر كەلگەنىدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە كىرىپ، شاگىرتلىرى بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۇلار ئۇنىڭدىن: - بىز نېمە ئۈچۈن جىننى ھەيدىيەلمىدۇق؟ - دەپ سوراشتى.
ھەزرىتى ئەيسا خالايىقتىن ئايرىلىپ ئۆيگە كىرگەندە، شاگىرتلىرى ئۇنىڭدىن بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسىنى سورىدى.
ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنىڭ ئارىسىدا قىستىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، شاگىرتلىرىغا كىچىك بىر كېمە تەييارلاپ قويۇشنى بۇيرۇدى.
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئۇ يەردىن ئايرىلىپ كۆل بويىغا كەتتى، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن نۇرغۇن خالايىق ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى.
بىراق، ئۇ ئادەم چىقىپ، بۇ ئىشنى ھەممە يەرگە يېيىۋەتتى. نەتىجىدە، خالايىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسا ھېچقانداق شەھەرگە ئاشكارا بارالماي، شەھەر سىرتىدىكى خىلۋەت جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. شۇنداقتىمۇ، ھەر يەردىن كەلگەن خەلق ئۇنى يەنىلا ئىزدەپ تۇردى.
بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا كەپەرناھۇمدىكى بۇرۇن تۇرغان ئۆيگە يەنە كەلدى. ئۇنىڭ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقىلىش بىلەنلا،
ۋە ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلاردىن ئىبارەت.