Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەش مەقسىتىدە ئۇنىڭ دەم ئېلىش كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:2
12 Referans Kwoze  

ھەققانىيلارنى پايلاپ يۈرەر رەزىللەر، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ پەيتىنى ئىزدەپ يۈرەر.


بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا مۇھىم بىر پەرىسىي ئاقساقىلىنىڭ ئۆيىگە تاماققا باردى. بەزىلەر ئۇنى تۇتۇش كويىدا ئۇنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىۋاتاتتى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەپ يۈرگەن تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ دەم ئېلىش كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى.


شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسانى دىققەت بىلەن كۆزىتىش ئۈچۈن، پايلاقچىلارنى ئەۋەتتى. بۇ پايلاقچىلار سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن سوئاللارنى سوراپ، ئۇنى ئۆز سۆزلىرى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈپ، رىملىق ۋالىينىڭ جازالىشىغا تاپشۇرماقچى بولۇشتى.


شۇنىڭ بىلەن، پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى: - ئۇ ئادەم خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەن ئەمەس، چۈنكى ئۇ دەم ئېلىش كۈنى ئىش قىلماسلىق ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدى، - دېيىشتى. يەنە بەزىلىرى: - گۇناھكار بولسا، قانداقلارچە بۇنداق مۆجىزىلەرنى يارىتالايدۇ؟ - دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولدى.


ئىبادەتخانىدا بىر قولى قۇرۇپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. بەزى پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا باھانە تېپىش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: - دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ - دەپ سورىدى.


ئەمما باشقا ۋەزىر ۋە ئۆلكە باشلىقلىرى دانىيالنىڭ ئىشلىرىدىن بىرەر ئەيىب، سەۋەنلىك تېپىشقا ئۇرۇندى. لېكىن دانىيال راستچىل، پاك ۋە ئەستايىدىل بولغاچقا، ئۇلار دانىيالدىن ھېچقانداق قۇسۇر تاپالمىدى.


مەن ماڭا قارشى سۇيىقەست قىلماقچى بولغانلارنىڭ نۇرغۇنلىغان كۇسۇرلاشلىرىنى ئاڭلىدىم. ھەممە يەردە مېنى ۋەھىمە باسىدۇ! ئۇلار: ‹كېلىڭلار، ئۇنى ئەيىبلەيلى، بىز ئۇنى ئەيىبلەيلى!› دېيىشىدۇ. بارلىق يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىم خاتالىق ئۆتكۈزۈشۈمنى كۈتىدۇ، ئۇلار ‹بەلكىم ئۇ ئالدام خالتىمىزغا چۈشەر، ئاندىن بىز ئۇنى يېڭىپ، ئىنتىقام ئالىمىز› دەپ كۇسۇرلىشىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا قولى قۇرۇپ كەتكەن كېسەلگە: - ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئالدىغا چىق! - دېدى.


ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى غەرىزى، ھەزرىتى ئەيسانى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنى گۇناھكار دەپ ئەيىبلەشكە باھانە ئىزدەش ئىدى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئېڭىشىپ، قولى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite