Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 قاچانلا بولمىسۇن، جىن چاپلىشىۋالغانلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرسە، ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويۇپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلىسەن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:11
14 Referans Kwoze  

كىشىلەرنىڭ تېنىدىن چىققان جىنلار: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەيتتى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا بولسا ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ گەپ قىلىشىغا يول قويمىدى.


ئۇ ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈشى بىلەنلا ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ: - ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، ئىشىمغا ئارىلاشما! سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى قىينىما! - دەپ ۋارقىراپ كەتتى.


سەن خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەڭلا كۇپايە قىلامدۇ؟ خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ھەتتا جىنلارمۇ ئىشىنىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدۇ.


ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرگەن ھامان: - ئى خۇدانىڭ ئوغلى، ئىشىمىزغا ئارىلاشما! سەن ۋاقىت-سائىتى كەلمەستىنلا بىزنى قىينىغىلى كەلدىڭمۇ؟ - دەپ توۋلىدى.


ئۇنى سىنىماقچى بولغان شەيتان ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشلارنى نانغا ئايلاندۇرۇپ يە! - دېدى.


ئۇ يول بويى پاۋلۇس ۋە بىزگە ئەگىشىپ: - بۇ كىشىلەر ئۇلۇغ خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، ئۇلار سىلەرگە قۇتقۇزۇلۇش يولىنى يەتكۈزىدۇ! - دەپ ۋارقىراپ ماڭدى.


جىنلار ھەزرىتى ئەيساغا يالۋۇرۇپ: - ئەگەر سەن بىزنى ھەيدەپ چىقارماقچى بولساڭ، توڭگۇز پادىسىغا كىرگۈزۈۋەتكىن، - دېدى.


- خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، پەسكە سەكرەپ باققىنا! چۈنكى زەبۇردا: «خۇدا پەرىشتىلىرىگە سەن توغرۇلۇق ئەمر قىلغان. پۇتۇڭنىڭ تاشلارغا ئۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا تۇتۇۋالىدۇ» دەپ يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ - دېدى.


شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيساغا سەجدە قىلىپ: - سىز ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسىز، - دېيىشتى.


خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر مۇنداق باشلىنىدۇ:


بۇنداق يىغىلىش سىلەرنىڭ جازاغا ئۇچرىشىڭلارغا سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، قورسىقى ئاچلار قورسىقىنى ئۆيىدە تويدۇرۇپ كەلسۇن. باشقا مەسىلىلەرگە كەلسەك، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا سۆزلىشىمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite