10 چۈنكى، ئۇ نۇرغۇن بىمارلارنى ساقايتقاچقا، ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۇچىسىنى سىلىۋېلىش ئۈچۈن قىستىشىپ كېلىشكەنىدى.
ھەزرىتى ئەيسا مەيلى يېزا، مەيلى شەھەر ياكى قىشلاققا بارسۇن، خالايىق بىمارلارنى ئاساسلىق كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ ياتقۇزۇپ، ھەزرىتى ئەيسادىن بىمارلارنىڭ ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى سوراپ يالۋۇراتتى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقايدى.
ھەزرىتى ئەيسادىن بىمارلارنىڭ ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى سوراپ يالۋۇراتتى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقايدى.
ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر تارقاتتى، ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتتى.
يارىتىلغان مۆجىزىلەر سەۋەبىدىن خەقلەر كېسەل كىشىلەرنى كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ، كۆرپە ۋە زەمبىللەرگە ياتقۇزۇپ قوياتتى. ئۇلار «پېترۇس يولدىن ئۆتكەندە، كېسەللەرگە قولىنى تەگكۈزمىسىمۇ، ھېچبولمىغاندا سايىسى چۈشۈپ، ساقىيىپ كەتسۇن!» دەپ ئويلايتتى.
ئۇ يەردە رىملىق بىر يۈزبېشىنىڭ ئەتىۋارلىق چاكىرى ئېغىر كېسەل بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىدا تۇراتتى.
چۈنكى، پەرۋەردىگار سۆيگەنلىرىگە تەربىيە بېرىدۇ، پەرزەنتىم دەپ قوبۇل قىلغانلارنى چىۋىقلايدۇ.»
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! تىنچ-ئامان قايت. داۋاملىق سالامەت بول، - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشكىنىدە، نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆردى ۋە ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنىڭ كېسەللىرىنى ساقايتتى.
بۇنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىمارلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى
كۆپچىلىك گۆشلىرىنى تېخى يەپ تۈگىتىپ بولالمىغاندا، پەرۋەردىگار ئۇلارغا غەزىپىنى ياغدۇرۇپ، ئەجەللىك ۋابا تارقاتتى.
لېكىن پىرئەۋن ساراھنى ئوردىسىدا ئېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئوردىسىدىكىلەرگە ئاپەت ياغدۇردى. ئۇلار ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولدى.
ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى بەيتسايدا يېزىسىغا كەلدى. ئۇ يەردە كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىر كور ئادەمنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ ساقايتىپ قويۇشنى ئۆتۈندى.
ھەزرىتى ئەيسا بېلىقچى سىمۇننىڭ كېمىسىگە چىقىپ، ئۇنىڭدىن كېمىنى قىرغاقتىن سەل يىراقلىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئاندىن، ئۇ كېمىدە ئولتۇرۇپ خالايىققا تەلىم بەردى.
كۆپچىلىك قوللىرىنى ھەزرىتى ئەيساغا تەگكۈزۈۋېلىشقا تىرىشاتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن كۈچ-قۇدرەت چىقىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتىۋاتاتتى.
دەل شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا ئاغرىق-سىلاق تارتقان ۋە جىن چاپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتقان ۋە نۇرغۇن قارىغۇلارنىڭ كۆزىنى ئاچقانىدى.