8 ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى شۇئان بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - سىلەر بۇنى نېمە ئۈچۈن كۇپۇرلۇق دەيسىلەر؟
شۇڭا، يامان نىيىتىڭدىن يېنىپ، خۇدادىن كەچۈرۈم تىلە! شۇنداق قىلساڭ، خۇدا سېنى كەچۈرەر.
پېترۇس ئۇنىڭغا: - ھانانىيا، نېمىشقا قورسىقىڭغا شەيتاننى كىرگۈزۈپ، يەر ساتقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزۈڭگە قالدۇرۇش بىلەن مۇقەددەس روھقا يالغان ئېيتتىڭ؟
لېكىن، ئاراڭلاردا ئېتىقاد قىلمىغانلارمۇ بار، - دېدى. (چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسا ئېتىقاد قىلمىغانلارنى ۋە ئۆزىگە ساتقۇنلۇق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بۇرۇندىن بىلەتتى.)
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - نېمىگە شۇنچە قورقۇشۇپ كەتتىڭلار؟ نېمىدىن گۇمانلىنىسىلەر؟
بىراق، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا قولى قۇرۇپ كەتكەن ھېلىقى كېسەلگە: - ئورنۇڭدىن تۇر، ئالدىمغا كەل! - دېۋىدى، ھېلىقى كېسەل ئورنىدىن تۇردى.
ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - سىلەر بۇنى نېمە ئۈچۈن كۇپۇرلۇق دەيسىلەر؟
ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - نېمە ئۈچۈن يامان ئويدا بولىسىلەر؟
ئۇ چاغدا نىيىتىڭ بۇزۇلىدۇ، رەزىل پىلان تۈزىسەن.
بىلىسەن ئولتۇرۇپ-قوپۇشۇمنى، چۈشىنىسەن يىراقتىنمۇ ئويلىرىمنى.
خۇدادىن يوشۇرۇنالايدىغان ھېچقانداق مەۋجۇدات يوقتۇر. بىز ھېساب بېرىدىغان خۇدا ئالدىدا ھەممە نەرسە ئوچۇق-ئاشكارىدۇر.
ئۈچىنچى قېتىم يەنە: - يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، مېنى سۆيەمسەن؟ - دەپ سورىدى. پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سوئالنى ئۈچ قېتىم سورىغانلىقىغا كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ: - رەببىم، سىز ھەممىنى بىلىسىز، سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىسىز، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئۇنداقتا، قويلىرىمنى ئوتلات.
چۈنكى، يامان نىيەت، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، قاتىللىق،
رەزىل ئادەملەر رەزىللىك قىلىشتىن توختىسۇن، گۇناھكار ئادەملەر يامان نىيەتلىرىدىن يانسۇن، ئۇلار پەرۋەردىگارىمىزنىڭ يولىغا قايتسۇن، پەرۋەردىگار ئۇلارغا رەھىمدىللىك كۆرسىتىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ يولىغا قايتسۇن، ئەپۇچان خۇدايىمىز ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرىدۇ.
ئەخمەقلىق بىلەن تۈزۈلگەن پىلان گۇناھتۇر، ئادەم ئۈچۈن مازاقچى يىرگىنچلىكتۇر.
پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر يامانلارنىڭ ئوي-پىكىرى، ساپ بىلىنەر ئاق كۆڭۈلنىڭ يېقىملىق سۆزلىرى.
ئى خۇدايىم، سېنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى سىنايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن دۇرۇس ئادەملەردىن خۇرسەن بولىسەن. مەن بەرگەن نەرسىلەرنى چىن دىلىمدىن ساڭا ئاتىدىم، شۇنداقلا مەن بۇ يەردە تۇرغان خەلقىڭنىڭ بايلىقلىرىنى خۇشاللىق ۋە ئۆز ئىختىيارى بىلەن ساڭا تەقدىم قىلغانلىقىنى كۆردۈم.
ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەجەللىك كېسەل بىلەن ھالاك قىلىمەن. ئۇ چاغدا، پۈتكۈل ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكرى ۋە قەلبىنى ياخشى بىلگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن ھەمدە ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىمەن.
بۇنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىمارلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى
شاگىرتلار بىر-بىرىگە: - نان ئەكەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتسا كېرەك، - دېيىشتى.
«بۇ ئادەم نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ؟ بۇ كۇپۇرلۇققۇ! خۇدادىن باشقا ھېچكىمنىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى يوققۇ!» دېيىشتى.
«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئېيتماق ئاسان، قىلماق تەس.