Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇمغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ كۆپۈشى بىلەن تۇلۇم يېرىلىدۇ-دە، شارابمۇ، تۇلۇممۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇمغا قاچىلاش كېرەك.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:22
9 Referans Kwoze  

شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇمغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ كۆپۈشى بىلەن تۇلۇم يېرىلىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. دېمەك، تۇلۇممۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇمغا قاچىلاش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ھەر ئىككىلىسىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.


ئوخشاپ قالساممۇ گەر ئىستا قۇرىغان كېرەكسىز تۇلۇمغا، ھەر دەم چىڭ ساقلىدىم پەرمانلىرىڭنى يادىمدا.


سەمىمىي ئىجرا قىلاي پەرمانلىرىڭنى، شەرمەندىلىكتە قويماس ئۇلار مېنى.


بىز بۇ شاراب تۇلۇملىرىغا شاراب توشقۇزۇپ ماڭغاندا، بۇ تۇلۇملارمۇ يېڭى ئىدى، ھازىر كونىراپ، يېرىلىپ كەتتى. بىزنىڭ كىيىملىرىمىز ۋە ئاياغلىرىمىزمۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا يىرتىلىپ جۇل-جۇل بولۇپ كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.


ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەر خىل ھىيلە-مىكىرلەرنى ئويلاپ چىقتى. ئۇلار يوشۇۋاغا ئەلچى ئەۋەتىشتى. ئەلچىلەر يىرتىلىپ جۇل-جۇل بولۇپ كەتكەن خۇرجۇن، ياماق سېلىنغان كونا شاراب تۇلۇملىرى ئارتىلغان ئېشەكلەرنى يېتىلىۋالغانىدى. پۇتلىرىغا كونىراپ، ئەبجىقى چىققان ئاياغلارنى، ئۇچىسىغا كونا كىيىملەرنى كىيىشىپ، كۆكىرىپ، قېتىپ كەتكەن نانلارنى ئېلىۋېلىشقانىدى.


ئىچىم يېرىلىپ كېتەي دەپ قالغان شاراب تۇلۇمىغا ئوخشاپ قالدى. خۇددى شارابقا لىق تولغان تۇلۇمدەك يېرىلىپ كېتەي دېدىم.


ھېچكىم كونا كۆڭلەككە كىرىشىپ كېتىدىغان يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، كىيىم يۇيۇلغاندا يېڭى ياماق كىرىشىپ، كىيىمنى يىرتىپ تاشلايدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ.


بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بۇغدايلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بىللە كېتىۋاتقان شاگىرتلىرى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، يېيىشكە باشلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite