Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكى بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ گۇناھكار دەپ قارالغانلار ۋە باجگىرلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، شاگىرتلىرىغا: - ئۇنىڭ باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنى قانداق گەپ؟! - دېيىشتى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:16
14 Referans Kwoze  

ئىنسانئوغلى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازغان ئادەملەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


پەرىسىي خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ مەغرۇرانە ھالدا: «ئى خۇدا! مېنىڭ باشقىلاردەك ئالدامچى، گۇناھكار، زىناخورلاردىن بولۇپ قالمىغىنىمغا، بولۇپمۇ بۇ باجگىرغا ئوخشىمىغىنىمغا شۈكۈر.


قەلبىدە خۇدانىڭ روھى بار بولغان كىشى ھەممە ئىشقا باھا بېرەلەيدۇ. لېكىن، ئۇنىڭغا قەلبىدە خۇدانىڭ روھى بولمىغان ھېچقانداق كىشى باھا بېرەلمەيدۇ.


بۇنىڭ بىلەن، چۇقان-سۈرەن بارغانسېرى كۈچەيدى. پەرىسىي ئېقىمىدىكى بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ: - بىز بۇ ئادەمدىن ھېچقانداق خاتالىق تاپالمىدۇق! ئېھتىمال راستتىن بىر روھ ياكى پەرىشتە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن بولسا ئەجەب ئەمەس! - دەپ، قاتتىق مۇنازىرىلەشتى.


بۇنى كۆرگەن جامائەت: - بۇ ئادەم گۇناھكارنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولدى! - دەپ غوتۇلدىشىپ كەتتى.


شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە كىشىلەرگە ‹نېرى تۇر، ماڭا يېقىنلاشما، چۈنكى مەن ساڭا قارىغاندا مۇقەددەسمەن› دەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر خۇددى ئۆچمەي كۆيىدىغان ئوتتەك، خۇددى بۇرنۇمنى ئىس-تۈتەك ئېچىشتۇرغاندەك مېنى ئازابلايدۇ.


روھىڭلار چۈشۈپ، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ گۇناھكارلارنىڭ شۇنچە خورلاشلىرىغا قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى ئويلاپ كۆرۈڭلار.


«بۇ ئادەم نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ؟ بۇ كۇپۇرلۇققۇ! خۇدادىن باشقا ھېچكىمنىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى يوققۇ!» دېيىشتى.


ئەگەر قېرىندىشىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىسا، ئەھۋالنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئۇقتۇرۇپ قوي. ئەگەر ئۇلارنىڭكىگىمۇ قۇلاق سالمىسا، ئۇنى بۇتپەرەس ياكى ئىنساپسىز باجگىر قاتارىدا كۆر.


بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا: - ئۇستازىڭلارنىڭ باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنى قانداق گەپ؟! - دېيىشتى.


ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ قانداقمۇ ئىنئامغا ئېرىشكۈچىلىكى بولسۇن؟ ھەتتا ئىنساپسىز باجگىرلارمۇ شۇنداق قىلىۋاتمامدۇ؟


كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا لاۋىينىڭ ئۆيىدە مېھماندارچىلىقتا بولۇۋاتقاندا، تەكلىپ قىلىنغان نۇرغۇن باجگىرلار ۋە شۇلاردەك گۇناھكار دەپ قارالغان بىر قىسىم كىشىلەرمۇ ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەنلەر ئىچىدە گۇناھكار دەپ قارالغان بۇنداق كىشىلەر خېلى كۆپ ئىدى.


كېيىن، بەزى پەرىسىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئېقىمىدىكى بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى رەنجىگەن ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا: - سىلەرنىڭ باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنىڭلار قانداق گەپ؟! - دېيىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite