Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا لاۋىينىڭ ئۆيىدە مېھماندارچىلىقتا بولۇۋاتقاندا، تەكلىپ قىلىنغان نۇرغۇن باجگىرلار ۋە شۇلاردەك گۇناھكار دەپ قارالغان بىر قىسىم كىشىلەرمۇ ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەنلەر ئىچىدە گۇناھكار دەپ قارالغان بۇنداق كىشىلەر خېلى كۆپ ئىدى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:15
8 Referans Kwoze  

باجگىرلار ۋە باشقا گۇناھكار دەپ قارالغانلار ھەمىشە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلايتتى.


ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرى بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، تۈز بىر يەردە تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن شاگىرتلار ھەمدە يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن كەلگەن كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ كېلىپ يىغىلىشتى. ھەتتا دېڭىز بويىدىكى تىر ۋە سىدون شەھەرلىرىدىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر كەلگەنىدى.


ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ قانداقمۇ ئىنئامغا ئېرىشكۈچىلىكى بولسۇن؟ ھەتتا ئىنساپسىز باجگىرلارمۇ شۇنداق قىلىۋاتمامدۇ؟


ھەزرىتى ئەيسا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، باج يىغىدىغان جايدا ئولتۇرغان ئالفاينىڭ ئوغلى لاۋىينى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: - ماڭا ئەگەشكىن، - دېدى. لاۋىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى.


پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكى بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ گۇناھكار دەپ قارالغانلار ۋە باجگىرلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، شاگىرتلىرىغا: - ئۇنىڭ باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنى قانداق گەپ؟! - دېيىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite