9 ھەزرىتى ئەيسا ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە تىرىلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال مەجدەللىك مەريەمگە كۆرۈندى. ئۇ بۇ ئايالنىڭ تېنىدىن يەتتە جىننى ھەيدىۋەتكەنىدى.
بۇلاردىن باشقا، يەنە جىن ۋە كېسەللىك ئازابلىرىدىن قۇتقۇزۇپ ساقايتىلغان بەزى ئاياللارمۇ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تېنىدىن يەتتە جىن ھەيدەپ چىقىرىلغان مەجدەللىك مەريەم،
ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى پەرىشتىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ بىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتى قويۇلغان يەرنىڭ باش تەرىپىدە، يەنە بىرى ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇراتتى.
مەجدەللىك مەريەم بىلەن يوسىنىڭ ئانىسى مەريەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ قويۇلغان يېرىنى كۆرۈۋالدى.
بۇ ئىشلارنى ئەلچىلەرگە يەتكۈزگۈچى ئاياللار - مەجدەللىك مەريەم، يوئاننا، ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە باشقا ئاياللار ئىدى.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەجدەللىك مەريەم، ياقۇپ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئانىسى مەريەم، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئانىسىمۇ بار ئىدى.
ئۇ يەردە يەنە ۋەقەنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرغان بەزى ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەجدەللىك مەريەم، ك چىك ياقۇپ بىلەن يوسىنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بار ئىدى.
رەببىمىزنىڭ كۈنىدە مۇقەددەس روھنىڭ مېنى ئىلكىگە ئېلىشى بىلەن، كەينىمدىن كەلگەن كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈنلۈك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.
ھەر يەكشەنبە كۈنى، ھەربىرىڭلار ھەپتىلىك تاپاۋىتىڭلارغا قاراپ، ئۇنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئىئانىگە ئاجرىتىپ توپلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا پۇل توپلىنىپ بولغان بولىدۇ.
يەكشەنبە كۈنى، بىز ناننى بۆلۈشۈپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدۇق. پاۋلۇس ئەتىسى كەتمەكچى بولغاچقا، كۆپچىلىككە تۈن يېرىمگىچە تەلىم بەردى.
ئۇلارنى تىترەك باستى ھەم ئالاقزادە بولۇشۇپ قەبرىدىن چىقىپ قاچتى. قورقۇپ كەتكەچكە، بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى.
پادىشاھ نائاماننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىسرائىلىيەلىك قىزنىڭ ئېيتقانلىرىنى دەپ بەردى.