8 ئۇلارنى تىترەك باستى ھەم ئالاقزادە بولۇشۇپ قەبرىدىن چىقىپ قاچتى. قورقۇپ كەتكەچكە، بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى.
ئۇلار بىرەر روھنى ئۇچراتتۇقمۇ نېمە دەپ، ئالاقزادە بولۇشۇپ كەتتى.
ئاياللار بىر تەرەپتىن قورقسا، يەنە بىر تەرەپتىن زور خۇشاللىق ئىچىدە قەبرىدىن دەرھال ئايرىلىپ، يۈگۈرگەن پېتى ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا خەۋەر بېرىشكە كېتىشتى.
ھەميان، خۇرجۇن ۋە ئاياغمۇ ئالماڭلار. يولدا كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە، پاراڭلىشىشقىمۇ توختىماڭلار.
ئېلىشا گېخازىغا: _ بېلىڭنى باغلاپ، ھاسامنى قولۇڭغا ئېلىپ، يولغا چىق. يولدا مەيلى كىم ئۇچرىسۇن، سالام بەرمە. باشقىلار سالام بەرسىمۇ، سالىمىنى ئىلىك ئالما. بېرىپ، ھاسامنى بالىنىڭ يۈزىگە قوي، _ دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلىرىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، خالايىق ئۇنىڭ تەلىملىرىگە ھەيران قېلىشتى.
سىلەر بېرىپ ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا، بولۇپمۇ پېترۇسقا: «ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىگە سىلەردىن ئاۋۋال بارىدىكەن، سىلەرگە ئېيتقىنىدەك، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار، - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە تىرىلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال مەجدەللىك مەريەمگە كۆرۈندى. ئۇ بۇ ئايالنىڭ تېنىدىن يەتتە جىننى ھەيدىۋەتكەنىدى.