Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 يىلانلارنى قوللىرىدا تۇتسىمۇ، ھېچنېمە بولمايدۇ، زەھەرلىك نەرسىنى ئىچسىمۇ، ھېچقانداق تەسىر قىلمايدۇ. بىمارلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ قويسا، كېسەللىرى ساقىيىپ كېتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:18
21 Referans Kwoze  

قۇلاق سېلىڭلار! مەن سىلەرگە يىلان-چاياندەك شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا يانجىپ تاشلىيالايدىغان، ئۇنىڭ بارلىق كۈچ-قۇدرىتىنى بېسىپ چۈشىدىغان ھوقۇق بەردىم. سىلەرگە ھېچقانداق نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.


بەزىلەر ھەتتا قول ياغلىق ۋە لۆڭگىلىرىنى پاۋلۇسنىڭ تېنىغا تەگكۈزۈپ، ئاندىن كېسەللەرنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا يېپىپ قوياتتى. نەتىجىدە، كېسەللەر ساقىيىپ، جىنلار ئۇلارنىڭ تېنىدىن چىقىپ كېتەتتى.


ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسىتىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيسانىڭ نامىدىن كېسەللەرنى ساقايتىپ، مۆجىزە ۋە كارامەتلەر ياراتقايسەن.


مانا شۇ ھەزرىتى ئەيساغا قىلغان ئېتىقادىمىز بىلەن، بۇ توكۇر ئادەمگە كۈچ كىردى. سىلەر كۆرۈپ تۇرغان ۋە تونۇيدىغان بۇ ئادەم ھەزرىتى ئەيساغا بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق ساپمۇساق بولدى. سىلەرمۇ بۇنى كۆردۈڭلار.


پېترۇس ئۇنىڭغا: - ئەنېياس، ئەيسا مەسىھ سېنى ساقايتتى. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، كۆرپەڭنى يىغىشتۇر! - دېدى. ئەنېياس دەرھال ئورنىدىن تۇردى.


بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پېترۇس خالايىققا مۇنداق دېدى: - ئىسرائىل قېرىنداشلار! بۇ ئىشقا نېمانچە ھەيران بولىسىلەر؟ بىزگە نېمانچە تىكىلىپ قارايسىلەر؟ سىلەر بىزنى ئۆز كۈچ-قۇدرىتى ياكى ئىخلاسمەنلىكىگە تايىنىپ بۇ ئادەمنى ماڭدۇردى، دەپ ئويلامسىلەر؟


بېسىپ دەسسەيسەن يىلان ۋە شىرنى، چەيلەيسەن زەھەرلىك يىلان ۋە ئارسلاننى.


ئامانلىق بەرگۈچى خۇدا ئۇزۇن ئۆتمەي شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا ئېزىدۇ. رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي.


ئوخشاشلا، شۇ مۇقەددەس روھ بىرىگە خۇداغا بولغان ئالاھىدە ئىشەنچ، يەنە بىرىگە كېسەللەرنى ساقايتىش قۇدرىتىنى بېرىدۇ.


سىلەر ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئۇنى پۈتۈنلەي ساقايتىپ ئالدىڭلاردا تۇرغۇزغان كۈچ-قۇدرەت ناسىرەلىك ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر! سىلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈرگەن بولساڭلارمۇ، لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى.


بۇنىڭ سەۋەبى قىرىق يىلدىن بېرى توكۇر ھېلىقى ئادەمنىڭ ساقىيىپ كەتكەنلىكىدىن ئىدى.


سېنى ئايال بىلەن دۈشمەن قىلىمەن. ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن سېنىڭ ئەۋلادىڭ دۈشمەنلىشىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادى سېنىڭ بېشىڭنى يانجىيدۇ، سەن ئۇنىڭ تاپىنىنى چاقىسەن» دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite