Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 مەريەم بېرىپ بۇرۇن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە بولغان، ھازىر ماتەم تۇتۇپ كۆز يېشى قىلىشىۋاتقان شاگىرتلارغا خەۋەر قىلدى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:10
8 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن، مەجدەللىك مەريەم شاگىرتلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: - رەببىمىزنى كۆردۈم! - دېدى. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە ئېيتقانلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەردى.


بۇنىڭ ئورنىغا، سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن، قەلبىڭلار ھەسرەت بىلەن تولدى.


- نېمە توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ كېتىۋاتىسىلەر؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن. ئۇلار قايغۇلۇق ھالدا قەدىمىنى توختاتتى.


دەل شۇ چاغدا، خوراز ئىككىنچى قېتىم چىللىدى. پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «خوراز ئىككى قېتىم چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ، كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتتى.


ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: - تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى توي زىياپىتىدە تۇرغان چاغدا، مېھمانلار ھازا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولغىنى!؟ ئەلۋەتتە بولمايدۇ! ئەمما يىگىتنىڭ ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنى كېلىدۇ، ئەنە شۇ چاغدا ئۇلار قايغۇ-ھەسرەت چەككىنىدىن روزا تۇتىدۇ.


ئۇ چاغدا، ئاسماندا ئىنسانئوغلىنىڭ كەلگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈنىدۇ، يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر يىغا-زار قىلىشىدۇ. ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.


بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يىگىت قايغۇ ئىچىدە ئۇ يەردىن كېتىپ قالدى. چۈنكى، ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite