Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 دەم ئېلىش كۈنى ئۆتكەندىن كېيىن، مەجدەللىك مەريەم، ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بېرىپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىگە سۈرۈش ئۈچۈن خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالدى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:1
19 Referans Kwoze  

ئاندىن، ئۆيلىرىگە قايتىپ بېرىپ، جەسەتكە چاچىدىغان خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار بىلەن ئەتىرلەرنى تەييارلىدى. دەم ئېلىش كۈنى، خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە، ئۇلار دەم ئېلىشتى.


ئۇ يەردە يەنە ۋەقەنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرغان بەزى ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەجدەللىك مەريەم، ك چىك ياقۇپ بىلەن يوسىنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بار ئىدى.


ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى ئىدى. بۇ ھېيت دەم ئېلىش كۈنىگە توغرا كەلگەنىدى. يەھۇدىيلار كرېستكە مىخلانغانلارنىڭ جەسىتىنى دەم ئېلىش كۈنىدە كرېستتە قالدۇرۇشنى توغرا تاپمايتتى. شۇڭا، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى جەسەتلەرنى كرېستتىن ئېلىۋېتىش مەقسىتىدە، ۋالىي پىلاتۇستىن مىخلانغانلارنىڭ تېزرەك ئۆلۈشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى چېقىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ كرېستىنىڭ يېنىدا ئانىسى، ئانىسىنىڭ سىڭلىسى، كلوپانىڭ ئايالى مەريەم ۋە مەجدەللىك مەريەملەر تۇراتتى.


ئۇلارنى تىترەك باستى ھەم ئالاقزادە بولۇشۇپ قەبرىدىن چىقىپ قاچتى. قورقۇپ كەتكەچكە، بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى.


مەجدەللىك مەريەم بىلەن يوسىنىڭ ئانىسى مەريەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ قويۇلغان يېرىنى كۆرۈۋالدى.


ئايال چامى يېتىدىغان ئىشنى قىلدى؛ مېنىڭ دەپنە قىلىنىشىمغا تەييارلىق يۈزىسىدىن بەدىنىمگە ئالدىنئالا ئەتىر سۈركەپ قويدى.


ھەزرىتى ئەيسا بەيتانىيا يېزىسىدا ئىلگىرى ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان سىمۇننىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرۇۋاتقاندا، ئىچىگە قىممەتلىك ساپ سۇمبۇل ئەتىرى قاچىلانغان، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان قۇتىنى تۇتقان بىر ئايال كىرىپ، قولىدىكى قۇتىنى ئېچىپ، ئىچىدىكى ئەتىرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىغا قۇيدى.


خەلق ئۇنىڭ مېيىتىنى تاۋۇتقا ياتقۇزۇپ، مېيىتىغا ھەر خىل خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار ۋە ئېسىل مايلارنى ئىشلىتىپ، «داۋۇت شەھىرى»دە قىيا تاشقا ئۆزى ئۈچۈن ئويدۇرۇپ ياساتقان قەبرىگە دەپنە قىلدى ۋە ئۇنىڭ شەرىپىگە ناھايىتى چوڭ گۈلخان يېقىپ، تەزىيە بىلدۈردى.


بۇ ۋەقەلەر ھېيتنىڭ ھارپىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، دەم ئالىدىغان شەنبە كۈنىگە ئاز قالغانىدى.


ئۇ ھارپا كۈنى، يەنى دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئىدى. كەچ كىرىپ قالغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزاسى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئاراماتىيالىق يۈسۈپ يۈرەكلىك ھالدا ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنىڭدىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.


كېيىن يۈسۈپ قول ئاستىدىكى تېۋىپلىرىغا ئاتىسىنىڭ جەسىتىنى موملاشنى بۇيرۇدى. ئۇلار ياقۇپنىڭ جەسىتىنى مۇمىيالاشتى.


ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇلار تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، كۈن چىقىش بىلەن تەڭ قەبرىگە بېرىشتى.


يەكشەنبە كۈنى تاڭ يورۇشى بىلەن تەڭ، ئاياللار ئۆزلىرى تەييارلىغان خۇش پۇراقلىق بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قەبرىسىگە باردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite