16 لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى ۋالىي ئوردىسىدىكى بىر سەيناغا ئېلىپ كىردى. ئاندىن، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە يىغدى.
يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن: - سەن زادى قەيەردىن كەلگەن؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بەرمىدى.
تاڭ يورۇغاندا، ھەزرىتى ئەيسا قاياپانىڭ يېنىدىن رىملىق ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۇنى ئېلىپ كەلگەن يەھۇدىي ئاقساقاللىرى بولسا ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقادىنى بۇلغىۋالمايلى دەپ، ئوردىغا كىرمەي، سىرتتا ساقلاپ تۇراتتى. بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىغا جەم بولالمايتتى.
ئالىي روھانىيلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى قاياپا ئىسىملىك باش روھانىينىڭ سارىيىدا جەم بولۇشتى.
قەيسەرىيە شەھىرىدە كورنىلىي ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ رىم قوشۇنىدىكى «ئىتالىيە» دەپ ئاتالغان قىسىمنىڭ يۈزبېشى ئىدى.
ۋالىي پىلاتۇس يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ھەزرىتى ئەيسانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن: - سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئۇلار ئۇنىڭغا شاھانە سۆسۈن رەڭلىك تون، بېشىغا تىكەن شاخلىرىدىن ئۆرۈپ ياسالغان تاج كىيدۈردى.
لەشكەرلەر تىكەن شاخلىرىنى ئۆرۈپ، بىر تاج ياساپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىغا كىيدۈرۈشتى. ئاندىن، ئۇنىڭغا شاھانە سۆسۈن رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى.